ھىندىستان زۇڭلىسى مۇدى 10-ئاپرېل پارىژدا: ھىندىستان فىرانسىيەدىن ئۆتكۈنچى شامال ناملىق 36 كۆرەشچى ئايروپىلانى زاكاز قىلدى دەپ جاكارلىدى.
مۇدى شۇ كۈنى فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە يۇقىرىقىلارنى جاكارلىدى. فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: فىرانسىيەدە ياسالغان ئۆتكۈنچى شامال ناملىق 36 كۆرەشچى ئايروپىلاندىن باشقا ئىككى دۆلەت يەنە داۋاملىق سۆھبەتلىشىشكە قوشۇلدى، بۇنىڭدىن مەقسەت ھىندىستاننىڭ ئۆتكۈنچى شامال ناملىق كۆرەشچى ئايروپىلانى ياسىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكۈنچى شامال ناملىق 36 كۆرەشچى ئايروپىلاننىڭ ئومۇمىي قىممىتى تۆت مىليارد ياۋرو كېلىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved