باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىدا مەخسۇس پۇتبول مەشىقى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. 5-يانۋار، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن 117-ئوتتۇرا مەكتەپنى بىرلەشتۈرۈپ تەڭرىتاغ رايونىدا ئۆسمۈرلەر پۇتبول مەكتىپى قۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەڭرىتاغ رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 7- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئەرشىدىن ئابدۇمىجىت ئۆزىنىڭ «پۇتبول ئارزۇسى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدى.
ئەرشىدىن ئىلگىرى مەملىكەت دەرىجىلىك پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە «ئۈمىد يۇلتۇزى» دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. بىراق مەكتەپ پۈتكۈزۈشكە ئاز قالغانسېرى ئەرشىدىن ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى باشلانغۇچنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن پۇتبول تېپىدىغان جاينىڭ بولماسلىقىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەڭرىتاغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جاڭچىڭ مۇنداق دېدى: «ئىككى مەكتەپنى بىرلەشتۈرگەندە، تەڭرىتاغ رايونىدىكى پۇتبول مائارىپى مەسلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.» نۆۋەتتە ئىككى مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىلىرى ئىككى مەكتەپنى بىرلەشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، بۇ يىل مارتتا رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىش مۆلچەرلەنمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كومانسدىسى ئۇدا تۆت يىل شەندۇڭ ۋېيفاڭ «ئۈمىد لوڭقىسى» خەلقئارا ئۆسمۈرلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇقنى قولدىن بەرمىگەن. ئىككى قېتىم «ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى» مەملىكەتلىك ياشلار- ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپلەر ئارا پۇتبول چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، ئۆسمۈرلەر پۇتبولچىلىقىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە ياراتقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved