شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ ئارىلىقى گەرچە يىراق بولسىمۇ، بىراق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن بولۇپ، ئۆز ئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلار. بۇندىن 60 يىل ئىلگىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى يىراققا نەزىر سېلىپ، ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئاچتى، ھەمدە يېڭى جۇڭگونىڭ ئەرەب ۋە ئافرىقا ئەللىرى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى. 60 يىلدىن بۇيان، بىز باشتىن ئاخىرى ئۆز ئارا ھۆرمەتلىشىپ، بىر بىرىمىزنى قوللىشىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتۇق. بىر دۆلەت ياكى مىللەتنىڭ قانداق يولنى تاللىشى، تارىخى مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە ئىقتىسادى تەرەققىيات ئەمەلىيىتىدىن ئايرىلالمايدۇ، بۇنى شۇ دۆلەت خەلقى ئۆزگە ئۆزى خوجا بولغان ھالدا ئىزدىنىشى، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك . جۇڭگو، مىسىرنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى، مىسىرنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قوللايدۇ ھەمدە مىسىر بىلەن بىرلىكتە، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ يەتكۈزۈش ئاساسىدا، تېخىمۇ ئادىل ۋە مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن مىسىر داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ ، جۇڭگو مىسىر دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئىككى دۆلەت خەلقىنى تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن قىلىشنى خالايدۇ.
سېسى مۇنداق دېدى: مىسىر جۇڭگو دوستلۇقىنى زۇڭتۇڭ ناسىر بىلەن رەئىس ماۋزېدۇڭ، زۇڭلى جۇ ئېنلەي قاتارلىق ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن ئورناتقان. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 60 يىلدىن بۇيان، مىسىر جۇڭگو مۇناسىۋىتى داۋاملىق مۇقىم تەرەققىي قىلدى. مىسىر، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ، ھەمدە جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەينەك قىلىپ ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىسىر بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved