4-ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن كىيىن ئىككىدە شىئەن شەھرىنىڭ كوچسىدا ئادەمنى يارلاندۇرۇش ۋەقەسى يۈز بەردى ،نەق مەيداندا ئىككى ئادەم ئۆلگەن .يەنتا ساقچى تەرەپ مۇخپىرلارغا ھازىر بۇ ۋەقەدە ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىككى ئادەمنىڭ يارلانغانلىقىنى ،ساقچىلارنىڭ ئاللىقاچان نەق مەيداننى قامال قىلغانلىقىنى ،ۋەقەنىڭ يەنىلە تەكشۈرۈش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان .
10- چىسلا چۈشتىن كىيىن 1:40 مىنۇت ئۆتكەندە شىئەن شەھرىنىڭ شىۋەنلۇ يولى بىلەن جاڭ بالۇ يولى ئىغزىدا ئادەم يارلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ۋەقە يۈز بەرگەن جاي ئەتراپىدا بىر ئەمگەك –مۇلازىمەت بازىرنىڭ بارلىقى ، ئادەملەربىلەن ماشىنىلارمۇ كۆپ جايكەن . موتورلۇق ماشىنا يولىدا ئىككى ئەر كىشنىڭ يەردە ياتقان ،نەق مەيداندا قان دىغى باركەن . بىر نەق مەيداندا بولغۇچى بۇ جىدەلگە قاتناشقۇچىنىڭ 4 ئادەم ئىكەنلىكى ،ئۇلار ئارسىدا تالاش- تارتىش بولغانلىقىنى ئېيىتقان ،لىكىن ئىشنىڭ سەۋەبى تېخى ئىنىق بولمىغان . بىر ئەر كىشى باشقا بىر ئەر كىشگە پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۋىتىپ ئۆزىنىمىۇ نەق مەيداندا ئۆلتۈرۋالغان . يارلانغان ئىككى كىشنىڭ ئىچىدە فمىلىسى لىي بولغان بىر ئايالمۇ باركەن ، جىدەلنى ئاجراتان يەنە بىر جاڭ فامىللىك يەنە بىر ئەر كىشمۇ باركەن ،بۇ ئىككەيلەن ئەتراپتىكى ئەمگەك –مۇلازىمەت بازىرىدا ئىشلەيدىغان خەلق ئىشچىلىرىكەن . ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن دەل ۋاقتىدا يولغا چىقىپ نەق مەيدانغا كەلگەن ھەم تىزدىن ئاگاھلاندۇرۇش يىپىنى تارتىپ نەق مەيداننى قامال قىلغان . يەنتا ساقچى تەرەپ 10- چىسلا چۈشتىن كىيىن بۇ ۋەقەگە 4 كىشنىڭ قاتناشقانلىقىنى ،ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلۈپ ئىككىسنىڭ يارلاغانلىقىنى ئېيىتقان . يارلانغانلارنىڭ ئىچىدە بىر ئەر بىر ئايالنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن .ھازىر بۇۋەقە تەكشۈرۈش باسقۇچىدا . نەق مەيداندىن تارتقان رەسىم .
نەق مەيداندا بولغۇچىلار بۇ جىدەلگە قاتناشقۇچىلارنىڭ 4 كىشى ئىكىنلىكىنى .كۆك كىيىم كەيگەن ئۆلگۈچىنىڭ ئىسمى شىياۋنەن ئىكەنلكىنى ،ۋەقە يۈز بىرىشتىن بۇرۇن ئايال خىزمەتدىشى لىي بىلەن ئەمگەك –مۇلازىمەت بازىردا ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيىتقان . ئەتىگەندە ئىككەيلەننىڭ سودا قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن قايتىپ كىتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان . ئەتراپتىكى گۇۋاھچىلارنىڭ پەرەز قىلشىچە ئۇلارنىڭ موتورلىرىغا مىنىپ ماڭغاندا يىشىل كىيىملىك ئەركىشى بىلەن سوقولۇپ كەتكەندىن كىيىن توقونۇش يۈز بەرگەن .يىشىل كىيىملىك ئەركىشى يىنىدىكى پىچاقنى چىقرىپ شىياۋنەنگە تىقىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان ،لىينىڭ بولسا ساغرىسغا پىچاق تىگىپ كەتكەن . بۇ جىدەلگە نىسبەتەن يەنە بىر كۆز قاراش بار .ئۇ بولسا توقونۇشۇپ قالغان تەرەپلەر ئۆز-ئارا تونشىدۇ ، قارتا ئويناپ بۇ جىدەلنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دىگەن قاراشلارمۇ بار .
ئەھۋالنىڭ ئىگلىنشىچە شىياۋنەن ۋەقە يۈز بىرىشتىن بۇرۇن ئىش ساقلاپ تۇرغان خىزمەتداشلىرغا ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئېيتىپ بەرگەن ،شىياۋنەننىڭ دادسىنىڭ مېڭىگە قان چۈشۈپ بالنىستقا كىرىپ قالغانلىقى ،ئۇنىڭ ئىككى قىزنىڭ بارلىقى ،چوڭى 12 ياش ،كىچىكى بولسا 8 ياش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن . شىياۋنەن ھەركۈنى ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا ئىش ساقلاپ تۇردىكەن ، ئۇنىڭ قىلدىغىنى بولسا تامغا فارفۇر خىش چاپلاش ئىكەن، ئايال كىشى لىي بولسا كۈنلۈكچى بولۇپ ئىشلەيدىكەن . ئەگەر ئىش تىپىپ قالسا ئەركىشنىڭ بىر كۈندە 200يۇەن ،ئايالنىڭ بولسا كۈندە 80 ئەتراپىدا ئالالايدىكەن .روسىم بولسا نەق مەيداندىكى پىچاق .
10-چىسلا چۈشتىن كىيىن يارلانغان لىينىڭ 521-دوختۇرخانغا كىرىپ ياتقان .
ئۇنىڭ دىيشىچە باشتا پىچاق تىقىلغىنى بولسا ئەر پۇ فامىللىككەن ،ئادەتتە كىشلەر شىياۋنەن دەپ ئاتايدىكەن .چۈشتىن كىيىن شىياۋنەن ئىش تاپالماي جاڭنى ئېلىپ توكلۇق موتو بىلەن قايىتماقچى بولغان ،ئەمگەك –مۇلازىمەت بازىرنىڭ ئالدىغا كىلە دىگەندە يىشىل كىيىملىك كىشى بىكەن توقونۇش يۈش بەرگەن .ئىككى تەرەپ ئۇرۇشۇپ كەتكەن ، يىشىل كىيىملىك كىشىنىڭ پىچىقى بولۇپ بەك ئۆتكۈركەن .لىي چىقىپ جىدەلنى توسقان ،ئۇ «ئۆتۈنۈپ قالاي ،ئادەمنى زەخمىلەندۈرمە» دىيشىگە يىشىل كىيىملىك كىشى پىچاقنى ئۇنىڭ ساغرىسغا تىقۋەتكەن .
لىي ،ئۆزىنىڭ شىياۋنەن بىلەن جاڭنىڭ مۇشۇ يەردە ئىش ساقلاپ تۇردىغانلىقىنى ،ھەمكارلىشىپ بىللە ئىش بىللە ئىش قىلدىغانلىقىن ئېيىتقان .شىياۋنەن يىشىل كىيىملىك كىشى تەرپىدىن پىچاق تىقۋىتىلگەندىن كىيىن يەر قان بىلەن تولغانلىقىنى .ئۆزىنىڭ دەرھال ساقچىغا تىلفۇن قىلغانلىقىنى ،لىكىن قورقونۇشلۇقتا قولىنىڭ تىترەپ تىلفۇننىمۇ ئۇرالمىغانلىقىنى دېگەن .جىدەلنى ئاجىرتىۋاتقاندا بىشنى كۆتۈرۈپ يىشىل كىيىملىك ئەرنىڭ چىرايىنى كۆرۈشكە ئۈلگۈرمەي ،ئۇنىڭمۇ ساغرىسغا پىچاق سانقىلغانلىقىنى ئېيىتقان . رەسىم بولسا يىشىل كىيىملىك ئەركىشنىڭ يىنىدىن ئاختۇرۇپ تىپىلغان نەرسىلەر .
بىر قاپ تاماكا ، تىلفۇن ،يۈز يۇەندىن كۆپرەك پۇل .ساقچىلار شىياۋنەنىڭ يىنىدىن تاپقان نەرسىلەر .
خەلق ساقچىلىرى رەسىم تارتىپ نەق مەيداندىن ختىرە قالدۇرماقتا ،ۋەقە يۈز بىرىپ بىر سائەتتىن كىيىن 7 ساقچى ماشىنىسى نەق مەيدانغا كەلگەن .
ساقچى ماشىنىلىرى نەق مەيدانغا كەلگەن .
نەق مەيدان
ئەتراپتىكى ئامما
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved