ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 20-ماي: ئىككى دۆلەت لايىھەسى ئارقىلىق ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى قوللاش مەيدانىمدا ئۆزگىرىش بولمىدى دېدى.
نىتانىياخۇ شۇ كۈنى زىيارەتكە بارغان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى موگايلىنى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە تىنچلىقنى ئۈمىد قىلىدۇ، مەنمۇ ھەم شۇنداق. بىز توقۇنۇشنى تىنچلىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
نىتانىياخۇ مۇنداق دېدى: مەن بىر دۆلەت لايىھەسىنى قوللىمايمەن. مەن ئىككى مىللەت، ئىككى دۆلەتنىڭ ئارزۇسىنى قوللايمەن، يەھۇدىيلار دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە ھەربىي ئىشلاردىن خالىي پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى قوللايمەن.
مۇگايلىنى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى قوللايدۇ، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ قايتا باشلىنىشىغا ھەمكارلىشىشىنى خالايدۇ دېدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved