چۇتيەن مەركىزى شەھەر گېزىتى خەۋىرى، يېڭى يىل بايرىمىدا بالىسى قورسىقىم ئاغرىدى دەپ جېدەل قىلغاندا، ئاتا-ئانىسى بايرامدا قالايمىقان نەرسە يېگەچكە شۇنداق بولغان دەپ كۆڭۈل بۆلمىگەن، لېكىن يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان بالا كۆپ قېتىم قىزىتىپ ياخشىلىنىش بولمىغان، دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئويلىمىغان يەردىن قورسىقىدا بەش دانە ماگنىت بارلىقى بايقالغان.
يېرىم ئاينىڭ ئالدىدا، ۋۇچاڭ رايونىدىكى 9 ياشلىق ئوغۇل بالا شياۋيەندە تۇيۇقسىزلا قورسىقى ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن، ئاتا-ئانىسى دەسلەپتە، بايرامدا قالايمىقان نەرسە يېگەنلىكتىن بولغان دەپ ئويلىغان، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن بىر ھەپتە ئىچىدە كۆپ قېتىم قىزىتقان. شۇڭا ئاتا-ئانىسى بالىنى ۋۇخەن شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتكەن، كۈتۈلمىگەندە، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئاتا-ئانىسىنى ھەيران قالدۇرغان. CT تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بالىنىڭ قورسىقىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئىنچىكە ئۈچەي نەيچىسىدە كۆك پۇرچاق چوڭلۇقىدىكى بەش دانە شارسىمان مېتال بار ئىكەن، بۇ شارچىلار بىر-بىرسىگە يېقىن چاپلىشىپ تۇرغان بولۇپ، ئۈچەي سۇيۇقلۇقى ئۇلارنى مەھكەم ئوراپ تۇرغان. بۇ ۋاقىتتا، شياۋ يەن ئاندىن ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتقان، ئەسلىدە ئۇ مەكتەپكە بارغىچە يولدىكى يايمىدىن بىر خالتا شارسىمان ماگنىت ئالغان بولۇپ، شەكلى كەمپۈتكە ئوخشايدىكەن، ئېغىزىغا سېلىپ ئويناۋېتىپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن يۈتىۋەتكەن، ھەمدە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەيىبلىشىدىن قورقۇپ ئۇلارغا دېمىگەن.
كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دوختۇرلار شياۋيەننى لاپاروسكوپ ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، بەش دانە ماگنىتنى ئېلىۋېتىپ، بالىنىڭ ئىنچىكە ئۈچىيىدىكى تۆشۈك ئېچىلغان يەرلەرنى كېسىپ ئېلىۋەتكەن. تۈنۈگۈن بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى كونترول قىلىنىپ، دوختۇرخانىدىن چىققان.
بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلىمىنىڭ مۇدىر ۋراچى بيەن خۇڭچياڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئۈچەي نەيچىسى لۆمۈلدەش جەريانىدا، يۇتىۋالغان شارسىمان ماگنىت ئۆزئارا يېپىشىپ، ئۈچەي پەردىسى ئۆزئارا سۈركىلىپ، ئۈچەينىڭ تېشىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شياۋيەن قىزىشىمۇ دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بولغان.
بيەن خۇڭچياڭ كۆپچىلىك ئاتا-ئانىلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، دوختۇرخانىمىز داۋالىغان غەلىتە نەرسىلەرنى يۇتىۋالغان بالىلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس بولۇپ، بالىلار يېنىدا ئاتا-ئانىلىرى يوق ئەھۋالدا بۇ خىلدىكى ئويۇنچۇقلارنى ئوينىغاندا ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشى كېرەك، ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلارغا غەلىتە نەرسىلەرنى ئېغىزىغا سالماسلىقى ۋە بەدىنىدىكى باشقا تۆشۈكچىلەرگە سالماسلىقى توغرىسىدا تەربىيە قىلىشى كېرەك، ئەگەر ئۇشتۇمتۇت بەدىنىگە كېرىپ كەتسە، دەرھال مۇناسىۋەتلىك دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ تەكشۈرتىشى كېرەك.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved