ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەر تورىنىڭ 19-دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كېنىيەدىكى خولېرا يۇقۇملۇق كېسىلى يامراپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇساپىرلار لاگېرى- دادابۇر مۇساپىرلار لاگېرىغا تەھدىت پەيدا قىلغان، دوختۇرلار خولېرا يۇقۇملۇق كېسىلىنىڭ يەنە داۋاملىق يامراپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن. تېببىي داۋالاش ساخاۋەت ئورگىنى يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنۇلارنى بىلدۈرۈپ: مۇشۇ يىلىنىڭ 11-ئېيىدىن باشلاپ خولېرا يۇقۇملۇق كېسىلى تارقالغاندىن بويان، كېنىيەنىڭ شىمالى قىسمىدىكى دادابۇر مۇساپىرلار لاگېرىدا ئاللىقاچان 70 مىڭ ئادەم ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈپ كەتتى، دېگەن. بۇ تەشكىلات يەنە مۇنۇلارنى كۆرسىتىشىچە، ئۆتكەنكى ئۈچ ھەپتە ئىچىدە 300 دىن ئارتۇق يۇقۇملانغۇچى دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 30% يۇقۇملانغۇچى 12 ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئىكەن.
ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ باياناتچىسىنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشىچە، خولېرا باكتېرىيەسى بۇلغانغان سۇ ۋە يېمەكلىك ئارقىلىق تارقىلىدىكەن، ھەمدە ناچار بولغان داۋالاش شارائىتىدا تېخىمۇ ئېغىر بولىدىكەن. نۆۋەتتە مۇۋاپىق بولغان سەھىيە ۋە مائارىپ شارائىتى كەمچىل بولغاچقا خولېرا يۇقۇملۇق كېسىلىدىن مۇداپىيە كۆرۈش ئىنتايىن تەسكە چۈشۈۋاتقان ئىكەن. يامغۇر پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بۇ جاينىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋەتكەن بولۇپ، دوختۇر خادىملار كېسەللىكنىڭ تېخىمۇ يامراپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن.
ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، دادابۇردا نۆۋەتتە 330 مىڭدىن ئارتۇق مۇساپىرلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى قوشنا دۆلەت سومالىدىكى زوراۋانلىق ۋە خەتەردىن قېچىپ چىققان كىشىلەر ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved