بۇ يۈرۈشلۈك سۈرەتلەر ئۆتكەن يىلى توردا قاتتىق مودا بولغان. بەلكىم خېلى كۆپ تورداشلار بۇ سۈرەتلەرنى كۆرۈپ بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ سۈرەتلەر روسىيەلىك فوتوگراف Murad Osmann ئۆزىنىڭ قىز دوستى Nataly Zakharova نىڭ ئارقا قىسمىنى ئاساسلىق ئېلىمېنت قىلىپ تۇرۇپ تارتقان بىر يۈرۈش فوتو-سۈرەت ئەسىرى بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى قوشۇلۇپ، تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
بۇ بىر يۈرۈش سۈرەتلەرنىڭ تۇنجىسى بارسېلونادا تارتىلغان. Osmann بۇ توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: قىز دوستۇم مېنىڭ توختىماي سۈرەتكە تارتىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ ئىچى سىقىلىپ تۇرالمىدى ھەم قولۇمدىن سۆرەپ ماڭغىلى تۇردى، ئەلۋەتتە، بۇمۇ مېنىڭ سۈرەتكە تارتىشىمنى توسۇپ قالالمىدى، ھەممە ئىش شۇنىڭ بىلەن باشلاندى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved