ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاندا ئېلىنغان بىر قېتىملىق ئىمتىھاندا 2000 دىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىنغان، قولغا ئېلىنغانلار ئىچىدە سىياسىي سەھنىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار، ئەدىبلەر ۋە دوختۇرلار قاتارلىقلار بار. بىراق يېقىندا، مەزكۇر دېلوغا چېتىلىپ قالغان كىشىلەر ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئۆلۈشكە باشلىدى. ئۇنداقتا ھىندىستان Vyapam كۆچۈرمىچىلىك قىلىش دېلوسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى زادى قانداق؟
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى يېرىم كىچىدە، ھىندىستان مەركىزى پويىز ئىستانسسىنىڭ باشلىقى تۆمۈر يول يېنىدا بىر ئايال كىشىنىڭ جەسىتى بايقىدى. جەسەت شۇ جايدىكى جەسەت ساقلاش ئۆيىگە ئېلىپ بېرىلدى، قانۇن دوختۇرلىرى بۇ ئايال باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، دەپ ھۆكۈم چىقاردى. جەسەت تەكشۈرۈش دوكىلاتىغا «ئۆلگۈچى 21 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ئايال» دەپ يېزىلدى.
ئۈچ يىلدىن كېيىن، پىنسىيەگە چىققان مەكتەپ مۇدىرى مېىتاب دامور (Mehtab Damor) جەسەتنى تونىدى ۋە جەسەتنىڭ ئەسلىدە ئۆزىنىڭ 19 ياشلىق قىزى نامراتا دامور (Namrata Damor) ئىكەنلىكىنى، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ھىندىستان ئىندورې (Indore) دىكى ماخاتما گەندى مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتى (Mahatma Gandhi medical school) دا ئوقۇيدىغانلىقىنى، 2012-يىلى 1-ئايدا يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ساقچىلارنىڭ قاتىلنى تېپىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بىراق ساقچىلار دەسلەپكى ھۆكۈمنى ئىنكار قىلىپ، نامراتا دامور ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان، دەپ يېڭى ھۆكۈم چىقاردى.
ئەسلىدە نامراتا دامورنىڭ ئۆلۈمى ھىندىستان جەمئىيىتىنى زىلزىلىگە سالغان V yapam كۆچۈرمىچىلىك دېلوسى بىلەن باغلىنىشلىق ئىدى. مەزكۇر دېلوغا چېتىشلىق ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار مەركىزى ھۆكۈمەتتىكى ئەمەلدارلارغىمۇ چېتىلاتتى.
شۇندىن كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە تەخمىنەن نەچچە مىڭلىغان كىشىلەر مەركىزى ھۆكۈمەت كەسپىي ئىمتىھان كومىتېتى (قىسقارتىلىپ V yapam دېيىلىدۇ. ت) نىڭ ئەمەلدارىغا تور ئارقىلىق نەچچە مىليون فودېستىرلىڭ پارا بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. V yapam ھۆكۈمەتكە مەمۇرىي خادىم قوبۇل قىلىش ۋە ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىمتىھانلىرىغا مەسئۇل ئىدى. 2013-يىلى بۇ ئىش ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ۋاقىتتا، مەركىزىي ھۆكۈمەت پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغىلى تاس قالغان، چۈنكى كۆپ قىسىم ئەمەلدارلار پارا بېرىش، خىيانەت قىلىش قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن ھازىرقى خىزمىتىگە ئېرىشكەن ۋە ياكى دوست-بۇرادەر، يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىمتىھان بېرىشىدە ساختىلىق ئىشلەتكەن ئىدى.
كېيىن مەزكۇر دېلو تەكشۈرۈلۈپ نەچچە يۈزلىگەن كىشى قولغا ئېلىنغان. بىراق كېيىن بۇ ھەرگىزمۇ كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان كۆچۈرمىچىلىك قىلىش دېلوسى بولماي قالغان، چۈنكى 2010-يىلىدىن بۇيان V yapam بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان دوختۇر، مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ساقچى ۋە مەمۇرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ ئاز دېگەندە 40 ئادەم سىرلىق ھالدا قازا قىلدى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2015-يىلى 7-ئايدا مۇخبىر سىنىگ (Singh) تۇيۇقسىز قازا قىلغان ۋاقىتتا، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى 2235 ئادەمنى قولغا ئالغان، بىراق كېيىن بۇلارنىڭ ئىچىدە 1860 ئادەم قويۇپ بېرىلگەن.
قولغا ئېلىنغانلارنىڭ تىزىملىكى خۇددى قېلىن بىر پارچە تېلېفۇن دەپتىرىگە ئوخشايدۇ. مەسىلەن سەھىيە، مائارىپ، كان ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان مىنىستىر لاكىسىم ئىكانىت شارما (Laxm ikant Sharma) ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى سۇدھىر شارما (Sudhir Sharma)، شەخسىي سىياسىي مۇناسىۋەتكە تايىنىپ قاتتىق بېيىپ كەتكەن بىر ئوقۇتقۇچى قاتارلىقلار قولغا ئېلىنغان. يەنە گۇلابسىگ كىرار (GulabSingh Kirar) بىراقلا يوقۇلۇپ كەتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved