ياپونىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قايتىدىن باش كۆتۈرگەن دۆلەت، ئۇرۇشتىن كېيىنكى تۈزۈلمىنىڭ چەكلىمىسىدە ئىقتىساد جەھەتتە چوڭ دۆلەت، سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتە كىچىك دۆلەت دەپ قارىلىپ، ياپونىيە ئۆزىنى«بىنورمال دۆلەت» دەپ ئاتىدى. ئاتالمىش «ئۇرۇشتىن كېيىنكى تۈزۈلمە»نىڭ ئۈچ مۇھىم نۇقتىسى بار؛ بىرىنچى، ھەم ياپونىيە ئۈچۈن مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولۇپ ياپونىيەنىڭ ياپونىيە ئامېرىكا بىخەتەرلىك شەرتنامىسىنى كونترول قىلدى؛ ئىككىنچى، ئۇرۇش يادرولۇقىدىكى تىنچىلىق ئاساسىي قانۇنىدىن ۋاز كەچتى؛ ئۈچىنچى، ئىقتىسادقا ئەھمىيەت بېرىش، ھەربىي ھازىرلىقلارغا سەل قاراش تەرەققىيات لۇشيەنىنى يولغا قويدى. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە كابىنتقا «ئۇرۇشتىن كېيىن سىياسىي ئومۇمىي نەق چوتىنى» نى ئوتتۇرىغا قويدى، ياپونىيە ئۇرۇشتىن كېيىنكى تۈزۈلمىدىن قۇتۇلۇپ چىققاندەك بولدى، بۇ ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادتا چوڭ دۆلەتلىك ئورنىغا قانائەت قىلماي، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاپ، سىياسىي ھەربىي ئىشلار جەھەتتە چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى قايتىدىن بەرپا قىلماقچى بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ ياپونىينىڭ بۇرۇلۇش ياساش مەزگىلىگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئابىشىنزو 2006-يىلى تۇنجى قېتىم تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئۇرۇشتىن كېيىنكى تۈزۈلمىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش ئۈچۈن بۇرۇلۇش ياساشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش تېز يولىغا كىردى. ئۇ قىسقىغىنە بىر يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە، مۇنداق ئۈچ چوڭ ئىشنى قىلدى؛ بىرىنچى، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ مۇقەددىمىسى سۈپىتىدە «مائارىپ ئاساسىي قانۇنى» دەپ ئاتالغان«مائارىپ نېگىزلىك قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزدى، ئۇنىڭ مەقسىتى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان دۆلەتنىڭ«ئۆز ئۆزىنى خورلاش پىسىخىكىسىنى» تۈگىتىپ، بۈيۈك مىللى روھىنى قايتىدىن ئۇرغۇتۇش؛ ئىككىنچى، مۇھاپىزەت ۋازارىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەربى ئىشلار ئامىلىنىڭ دۆلەت سىياسىتىدىكى سالمىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى، بۇ ئىقتىسادقا ئەھمىيەت بېرىپ ھەربىي ھازىرلىقلارغا سەل قارايدىغان لۇشيەندىن چەتنەپ كەتكەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ.ئۈچىنچى، خەلق ئاۋاز بېرىش قانۇنىنى مەجبۇرىي ماقۇللاپ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە يول ئاچتى.
ئابىشىنزو 2012-يىلى 2-قېتىم تەختكە چىققاندىن كېيىن، خەلقئارادىكى ئامېرىكىنىڭ ئستراتېگىيىسىنىڭ مەركىزىنى شەرققە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا يۆتكەش، ياپونىيە ۋە دۆلەت ئىچىدە پارلامېنتتا مۇقىم كۆپ ئورۇنغا ئېرىشىشتەك پايدىلىق ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى تۈزۈلمىنىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن«ئىجابىي تىنچىلىق» بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقتى، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش كۈچلۈك ئارمىيىسىنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىپ، ياپونىيەنى مۇنتىزىم قىسىمغا ئىگە ۋە چەتئەلگە ئۇرۇش قىلىشقا ئەسكەر ئەۋەتىدىغان «ئادەتتىكى دۆلەتكە» ئايلاندۇرۇپ، سىياسى ھەربىي ئىشلار جەھەتتە چوڭ دۆلەت بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالدىرىدى.
ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەس بولغاچقا بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۈمكىن بولمىدى. ئابى شىنزو ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش يولىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ، ئاساسىي قانۇن ئىزاھاتىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۇسۇلى بىلەن كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش، چەتئەلگە ئۇرۇش قىلىشقا ئەسكەر ئەۋەتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئابىشىنزو شەخسەن تەسىس قىلغان سىياسەت مەسلىھەت گۇرۇپپىسىنىڭ «بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇنىنى قايتىدىن ئورنىتىش ئاساسىدىكى سىردىشىش يىغىنى» 15-ماي ئابى شىنزوغا ئاساسىي قانۇن ئىزاھاتىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش دوكىلاتىنى سۇندى. بۇ دوكىلاتتا ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى كوللكېتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى ئىزچىل چەكلەپ كېلىۋاتقان ھۆكۈمەت ئىزاھاتىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئىدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتى كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ 9-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن«ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە» مۇداپئە كۆرۈش چەكلىمىسىدىن ھالقىپ كەتكەن شۇڭا بۇ چەكلىمىنى بىكار قىلىش كېرەك دەپ چۈشەندۈرۈش بەرگەن ئىدى. بۇ دوكىلاتتا نەچچە ئون يىللىق ھۆكۈمەت ئىزاھاتى ئاستىن ئۈستۈن قىلىنىپ، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ياپونىيەنىڭ ھەربىي كۈچىنى بوشىتىش يولىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ، ياپونىيەنىڭ ھەربىي ئىشلار چوڭ دۆلىتىنى قايتىدىن بەرپا قىلىش ئۈچۈن توسالغۇلارنى تازىلاپ، رايون تىنچىلىقى ۋە مۇقىملىقىغا غايەت زور يوشۇرۇن خەۋپ تۇغدۇرۇلدى.
بولۇپمۇ ئىھتىيات قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، دوكىلاتتا يېزىلغان«كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنىڭ ئالتە شەرتىنىڭ» ھەممىسىدە ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ چەتئەلدە قورال ئىشلىتىشىغا بانا تېپىشقا زور بوشلۇق يارىتىلغان. ئالايلۇق 1- ماددىدىكى «ياپونىيە بىلەن يېقىن دۆلەتلەر ھۇجۇمغا ئۇچرىسا»، 2- ماددىدىكى «ئەگەر يول قويسا ياپونىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە زور تەسىر پەيدا قىلسا»، 3-ماددىدىكى«ھۇجۇمغا ئۇچرىغان تەرەپ ياپونىيەدىن ياردەم سورىسا» قاتارلىقلار كوللكېتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنىڭ ياپونىيە ئامېرىكا ئىتتىپاقلىقى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقى، ئىھتىياجغا ئاساسەن يەر شارىنىڭ ھەر قانداق بىر جايىدا قورال كۈچى ئىشلەتسە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ دوكىلاتتا يەنە رايون جىددىي ۋەزىيىتى ۋە خوشنا دۆلەتلەرنىڭ تەھدىدى كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ئارال ماجىراسىغا بىنورمال پىلان تۈزۈلۈپ، شەرقىي دېڭىزدا ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە قۇرال كۈچى مۇراجئەت قىلىشنى كۈچەيتىشىگە باھانە تېپىلغان. بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك سېگنال بولۇپ، شەرقىي دېڭىزنىڭ جىددىي قارشىلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ كوللكېتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى چەكلىمىسى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ھەتتا ئۇرۇش پارتىلاش ئىھتىمالىنىمۇ يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا ھەربىي ئىشلار جەھەتتە جەنۇبىي دېڭىز ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقىمۇ بانا تېپىلغان.
ھازىرقى زامان تارىخىدا، ياپونىيەنىڭ بانا تېپىپ تالاش تارتىش پەيدا قىلىش ھەتتا ئۇنى كۈچەيتىۋېتىشتەك قەبىھ قىلمىشى جياۋۇ ئۇرۇشى، ليۇتياۋخې ۋەقەسىدىن لۇگۇچياۋ ۋەقەسىغىچە نامايەن بولغان، خەلق بۇنىڭدىن چوڭقۇر ساۋاق ئالغان، نۇرغۇن ئازاپ ئوقۇبەتلەرنى تارتقان ۋە خورلاشقا ئۇچرىغان، بۇنى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز. نۆۋەتتە، ئابىشىنزو ھاكىمىيىتى تارىخ مەسىلىسىدە كەينىگە چېكىنىش بىلەن تەڭ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەشنى بىكار قىلماقچى بولىۋاتىدۇ. جۇڭگو ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياپونىيەنىڭ بۇ يۈزلىنىشىگە قارىتا يۈكسەك ھۇشيارلىقنى ساقلاشقا ئاساسى بار.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved