غەرب ئەللىرى تەسىرى كۈچىنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ؟

تۈنۈگۈن ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت تورىدا مەزكۇر گېزىتنىڭ مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى گىرادىن راخماننىڭ «غەرب ئەللىرى تەسىرى كۈچىنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ؟» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.


ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئۈچۈن دۆلەت بىخەتەرلىكى دوكلاتى تەييارلايدىغان كىشى چوقۇم دۆۋلىنىپ كەتكەن قارالمىلارنىڭ قايسىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش توغرىسىدا باش قاتۇرىۋاتىدۇ. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشىمۇ ۋە ياكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەگە كېڭىيىشىمۇ؟ ئارقدىن قايسى قارالمىلارنى رەتكە تىزىش كېرەك؟ لىۋىيەنىڭ زوراۋانلىققا تولغان ھۆكۈمەتسىز ھالىتىمۇ، ئافغانىستاننىڭ خەتەرلىك قاتمال ھالىتىمۇ ۋە ياكى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ئەتراپىدىكى توقۇنۇشىمۇ؟

 


ئوباما بۇ كىرىزىسلار نېمىشقا بىرلا ۋاقىتتا تەڭ پارتلايدۇ؟ دەپ سوئال سورىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنى تەنقىدلەيدىغانلار ئاللابۇرۇنلا جاۋابقا ئېرشىپ بولدى. ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى، كەسكىن ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بولدى، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ دۈشمەنلىرى ئامېرىكىنىڭ تاقىتىنى سىناۋاتىدۇ، ئامېرىكا باشلامچىلىقىدىكى بىخەتەرلىك تەرتىپى ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسىيادا خىرىسقا ئۇچراۋاتىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ.


شەك-شۈبھىسىزكى، ئىراق ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا ئۇرۇشتىن زېرىكتى. ئەمما دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆپىيىۋاتقان بىخەتەرلىك كىرىزىسى پەقەتلا ئوباما ۋە ئامېرىكىغىلا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا قىلغان ئىشلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش بىر تۈپ مەسىلىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ يەنى ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئامېرىكىغا تايىنىپ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.


شۇڭا، دۇنيا بىخەتەرلىك سىستېمىسىدىكى ئەڭ ئاجىز ھالقا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككىلىنىشى بولماستىن ئامېرىكىنىڭ رايون ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئامېرىكىغا تايىنىۋېلىشى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشىغا نىسبەتەن، بۇ ھەپتە ۋېلىشتا ئېچىلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى بىر مۇھىم پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار ھەرىكەت قوللىنىپ بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، ئەگەر ئۇلار بۇنداق قىلالمىسا، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا ئىشلىرىنى ئۆزى يالغۇز باشقۇرالماسلىقى ئاشكارىلىنىپ، ھەر خىل دۇنيا بىخەتەرلىك كىرىزىسى كۈچىيىپ كېتىدۇ.


ھازىر ئامېرىكىنىڭ ھەربىي چىقىمى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ %75تىنى ئىگەللەيدۇ. ئۆتكەن يىلى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلانىڭ 28 ئەزاسى ئىچىدە، پەقەت ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئېستونىيەلا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بېكىتكەن دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى ئەڭ ئاز بولغاندا ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %2تىنى ئىگەللەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى.


بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەربىي ئىشلاردىن خالىي ئىشلاردا، ياۋروپا بەكلا ئارقىدا قالدى. ئامېرىكا ئەڭ تېز سۈرئەتتە رۇسىيەنى جازالاشنى ماقۇللىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ جازاسى ئەڭ ئېغىر بولدى.


ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئامېرىكىغا تايىنىۋېلىشىمۇ بەكلا كۆرۈنەرلىك بولىۋاتىدۇ. ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ باش كۆتۈرۈشى بۇ رايوندا بارغانسېرى ئازلاۋاتقان مۇقىم ھاكىمىيەتكە تەھدىت بولدى. يېقىنقى يىللاردا، بۇ دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىغا زور مەبلەغ سالدى. لېكىن ھازىر ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنى پەقەت ئامېرىكىلا بومباردىمان قىلىۋاتىدۇ، پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ 600 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى توختىتىپ قويۇپ، ئامېرىكىدىن ئاغرىنىۋاتىدۇ.


ئاسىيادىمۇ مۇشۇ خىل ئەھۋال يۈز بېرىۋاتىدۇ. ياپونىيە ۋە فىلىپپىن قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئامېرىكىنى ئاسىياغا تېخىمۇ كۆپ ھەربىي بايلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جۇڭگوغا تابىل تۇرۇشقا كۈچكىرتىۋاتىدۇ. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ياردەم بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلغاندا، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىر سەپتە تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ دېڭىزدىكى تەشەببۇسىغا قارشى تۇرالمىدى.

 


بۇ بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئاجىزلىقلارنىڭ خەتەرلىك بولۇشىدىكى سەۋەب ئامېرىكا خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدۇ. ئىراق ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشى ئامېرىكىغا ئۇزاق مەزگىللىك تەسىر كۆرسەتتى.


يېڭى تەسىر كۈچى ۋە بايلىق مەنبەسىنىڭ ئاسىيادا باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، غەرب ئەللىرىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدا ئىگەللىگە قىممىتى بارغانسېرى ئازالاۋاتىدۇ. شۇڭا غەرب ئەللىرى باشلامچىلىق قىلغان دۇنيا قارىماققا بارغانسېرى زامانغا ماسلاشماي قېلىۋاتىدۇ.



خەتكۈچلەر:
08-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek