پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 20 ئايلانما مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىسپانىيە « ئاس گېزىتى » نىڭ سىتاتىستىكا قىلىشىچە بۇ پەسىلدىكى خان مادرىد كۇلۇبى ياۋروپادىكى ئاساسلىق بىرلەشمىلەر ئىچىدىكى بىردىن بىر بىرلەشمىدىكى ھەممە كوماندىغا توپ كىرگۈزۈپ باققان كۇلۇب ئىكەن. ھازىرغىچە خان مادرىد كۇلۇبى بىرلەشمىدە 68 توپ كىرگۈزۈپ بولغان بولۇپ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە 3.4 توپ كىرگۈزگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا چېلسىي كۇلۇبى، بۆرە قەلئەسى ۋولفۇسبورگ كۇلۇبى، بېنفىكا كۇلۇبى ۋە لىسبون رىقابەت كۇلۇبى ھازىرغىچە بىرلەشمىدە پەقەت بىردىن كوماندىغا توپ كىرگۈزەلمىگەن. باشقا ھەممە كوماندىغا توپ كىرگۈزگەن.
بۇ مۇسابىقە پەسلىدە خان مادرىد كۇلۇبى بىرلەشمىدە ئەڭ چوڭ نومۇر بىلەن غەلبە قىلغان بىر قېتىم بولسا 8-2 نەتىجە راكىلنۇيا كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئېلچى كۇلۇبى، بىلباۋ رىقابەت كۇلۇبى ، لېۋەنت كۇلۇبى ۋە بالىكاننو كۇلۇبىلىرىغا خان مادرىد كۇلۇبى ئاز دېگەندىمۇ بەشتىن توپ كىرگۈزگەن.
يەنە بىر تەرەپتىن خان مادرىد كۇلۇبى 1-2 نەتىجە بىلەن مادرىد رىقابەت كۇلۇبى ۋە 1-2 نەتىجە بىلەن بالۇنسىيا كۇلۇبىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان مۇسابىقىلەردە خان مادرىد كۇلۇبى پەقەت بىردىن توپ كىرگۈزگەن. بۇ ئىككى مەيدان مۇسابىقىمۇ خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ ھازىرغىچە بىرلەشمىدىكى ئەڭ ناچار مۇسابىقىسى بۇلۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا خان مادرىد كۇلۇبى پەسىلنىڭ بېشىدا 2-4 نەتىجە بىلەن خانلىق جەمئىيەت كۇلۇبىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان. ھازىر خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ 20 ئايلانما بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى نەتىجىسى 17 مەيدان ئۇتۇش 3 مەيدان ئۇتتۇرۇش بۇلۇپ 51 نومۇر بىلەن ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى نومۇر تاختىسىنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved