دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 26-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا مەركىزى ئارمىيە قۇماندانى گېنىرال Austin، تىكرىتتە ئەسەبى تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ھاۋا ھۇجۇمى باشلاش ئۈچۈن شىئە قوراللىقلارنىڭ مەيداندىن چېكىنىشى شەرتىنى قويغانلىقى ، شىئە قوراللىقلارنىڭمۇ رايۇندىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا مەركىزى ئامىيە قۇماندانى گېنىرال LLoyd Austin، بەش بۈرجەكلىك بىنا قىسىملار قۇماندانلىقىدىكى يىغىنغا قاتناشتى، ئۇ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئىتتىپاق قىسىملىرىنىڭ، ئىراقنىڭ تىكرىت رايۇنىدا ئەسەبى تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاش ھەققىدىكى سۇئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىشى بىلەن ئىراقتىكى شىئە قۇراللىقلارنىڭ مەيداندىن چېكىنىش شەرتىنى ئوتتۇرغا قويدى.
ئىران قوللىشىدىكى شىئە قۇراللىقلار ئىراق ئارمىيىسىنىڭ بۇ ئاي بېشىدا ئەسەبى تەشكىلاتنى تىكرىتتىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن باشلىغان ھەرىكىتىگە ياردەم بەرگەن ئىدى. Austin؛ شىئە قۇراللىقلارنىڭ تىكرىتتىن ئايرىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئەسەبى تەشكىلات كۈچلىرىنىڭ ئاساسەن دىجلە دەرياسىنىڭ شەرقى قىسمىدا ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىدى. ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قۇددۇس ئارمىيسى قۇماندانى قاسىم سۇلايماننىڭ، تىكرىت رايۇنىدا يوقلىقى ئېنىقلاندى.
ئۇ يەنە؛ «تىكرىتكە شىئە قۇراللىقلارنىڭ ئەۋەتىلىشى ھېچقاچان توغرا بولغان ھەرىكەت ئەمەس، بۇ قۇراللىقلار ئىراق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كونترول قىلىنمايۋاتىدۇ. شىئە قۇراللىقلار بىلەن ھېچقاچان ئىتتىپاق تۈزۈپ ياكى ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالىمايمەن» دېدى.
ئىراق ئارمىيسى، 2-مارتتا تىكرىتنى قوتقۇزۇش ئۈچۈن كەڭ دائىرلىك بىر ھەرىكەت باشلىغان ئىدى. شىئە قۇراللىقلار كۆپ سانلىق ئورۇننى ئىگەللىگەن بۇ ھەرىكەتتە ئىلگىرلەش كۆرۈلسىمۇ ئەمما تىكرىت قولغا كىرگۈزۈلمىگەن ئىدى. ئىراق ھۆكۈمىتى، تىكرىتنىڭ ئۇل-ئەسلىھەلىرىنىڭ ھۇجۇم ۋەقەلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ھەرىكەتنى توختاتقان ئىدى. ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە ئىتتىپاقنىڭ ياردىمى بىلەن ھەرىكەت يېڭىدىن باشلاندى. ئىران تەرەپ ئىراق ئارمىيە قىسىملىرىغا بۇ ھەرىكەتتە ياردەم بەرگەن بولۇپ، بۇ ھەرىكەت ئەسەبى تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ تىكرىت مەركىزىگە پارتلاتقۇچ ئورناتقانلىقى ۋە كلور گېزى تەھدىتى سەۋەبلىك ئاستا ئىلگىرلىمەكتە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved