كۈندىلىك تۇرمۇشتا گەرچە كىشىلەر بەزى يېمەكلىكلەرنى ياقتۇرۇپ يېسىمۇ، مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتسە ساغلاملىققا خەۋپ يېتىدۇ. بۇلار:
ھاك بىلەن پىشۇرۇلغان تۇخۇم
بۇنداق تۇخۇمنى تەييارلاش جەريانىدا، خۇرۇچلىرىغا مەلۇم مىقداردا ئوكسىدلانغان قوغۇشۇن ۋە قوغۇشۇن تۇزى قېتىلىدىغان بولغاچقا، داۋاملىق يېسە، قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنى، شۇنداقلا بەدەندىكى كالتسىي ماددىسىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سېسىق پۇرچاق ئۇيۇتمىسى
ئېچىتىش جەريانىدا ئاسانلا مىكرو ئورگانىزملار تەرىپىدىن بۇلغىنىپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بەدەنگە كېرەكلىك بولغان بىر قىسىم ئوزۇقلۇق ماددىلار ئۇنىڭ بىلەن چىقىپ كېتىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ كېرەكلىك ماددىلار بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولمايدۇ.
پالەك
گەرچە پالەكنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەركىبىدە چۆپ كىسلاتاسى بولغاچقا، يېمەكلىكتىكى سىنىك ۋە كالتسىي بىلەن بىرىكىۋېلىپ، بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىنىك ۋە كالتسىي كەملىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كاۋاپ
كاۋاپنى پىشۇرۇش جەريانىدا، بېنزول قاتارلىق راك پەيدا قىلغۇچى زىيانلىق ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق يېيىش كېرەك.
ئاچا كۆك
ئاچا كۆك تەييارلاش جەريانىدا، كۆپ مىقداردا نىترات كىسلاتا تۈرىدىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار پەيدا بولىدۇ.
پىلتە قۇيماق
پىشۇرۇش جەريانىدا، ئاز مىقداردا زەمچە قوشۇلىدۇ، زەمچە بىر خىل تەركىبىدە ئاليومىن بولغان ئانئورگانىك بىرىكمە بولۇپ، ئۇزاق مەزگىل يېگەندە، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى چېكىندۈرۈش قاتارلىق يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم راكنى پەيدا قىلىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved