ئوتتۇرا جۇڭگو پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسىنىڭ مىكرو بىلوگى قوزغىغان مۇنازىرە
ھەر يىلى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشى بىلەن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مىليونلىغان ئوقۇغۇچى يۈك – تاقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ھاياجان ئىلكىدە ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىدۇ، بىراق ئۇلاردا ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقىنى ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا قانداق قىلىپ بۇ رەڭگا – رەڭ جەمئىيەتكە ماسلىشىپ، جانغا ئەسقاتىدىغان بازارلىق كەسىپ ئىگىلەش مەسىلىسىدۇر.
بۇ يىل 6 – سېنتەبىر ئوتتۇرا جوڭگۇ پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2010 – يىللىق نۇر ۋە ئېلېكتىرون ئۇچۇر ئىلمى ئىنستۇتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى لۇ كۈنلۇڭ ئۆزىنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، مەكتەپنىڭ ئۇچۇر بىلوگ لىنىيەسىدە چاپلىما يوللاپ، ئۆزىنىڭ كەسىپ تاللاشتىكى تېڭىرقاشتىن قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، غايىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ھەم ئىزچىل بۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگەن سەككىز يىللىق ئىجتىھاتلىق ئۆگىنىش ھاياتىنى ئەسلىدى.
چاپلىمىدا ئۇ تولۇق كۇرستىن ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىشىچە ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇشقىچە بولغان مۇساپىسىنى: ‹‹ئەگەر سىز ئىلىم ئىگىلەش يولىدا بەل قويىۋەتمەي تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىزلا چوقۇم كۆزلىگەن مەنزىلگە يېتەلەيسىز›› دېگەن قەلب تەسىراتىغا يىغىنچاقلىدى. بۇ چاپلىما ئېلان قىلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، مەزكۇر مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بەس – مۇنازىرە قوزغىدى. ھازىرغىچە بۇ چاپلىمىنى كۆرگۈچىلەر 6000 دىن ئاشتى .
ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىدا بىر قىسىم كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچىلارنى تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇشى نورمال ئىش بولسىمۇ، بىراق بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىشتە، ئارزۇسىغا زىت بۇنداق ‹‹تۇيۇقسىز ئورۇنلاشتۇرۇش›› نى مەغلۇپ بولۇش دەپ قارىماقتا.
يېڭىدىن ئالىي مەكتەپ قوينىغا كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەلاچىلار بولغاچقا، رىقابەتنىڭ كەسكىنلىكىدىن شان – شەرەپ تۇيغۇسىدىن ئايرىلىپ قالغاندىكى ۋەسۋەسىسى بىلەن يېڭى مۇھىتتىن ياتسىراش ئۇلارنى ئاسانلا ئۈمۈدسىزلىككە مۇپتىلا قىلىپ قويىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئۆزىمىزنىڭ غايىسىدىن ۋاز كېچەمدۇق ياكى تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، مەكتەپ مۇھىتىغا ئاسانلا ماسلىشىشقا تىرىشامدۇق؟
يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى دېلىغۇللۇقتا قويۇۋاتقان بۇ مەسىلىگە لۇكۈنلۇڭنىڭ باشقىچە قارىشى بار. ئۇ: ‹‹ئالىي مەكتەپ قوينىغا يېڭى كىرگەندە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىش، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كادىرى بولۇش، قوش پەندىن ئۇنۋان ئېلىش دېگەنلەرنى ئانچە چۈشەنمەيتتىم. پەقەت تىرىشىپلا بەرسەم ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ قېلىشىمنى، سىنىپ باشلىقى بولۇپ كۆپچىلىككە خىزمەت قىلىشىمنىڭ مۇمكىنلىكىنى، ئاندىن ئۆزۈمنى تاكامۇللاشتۇرسام، ئېرىشىشنى ئىستىگەن نەرسىلەرنىڭمۇ بارا – بارا ماڭا يېقىنلىشىپ كېلىدىغانلىغىنى ئېنىق بىلەتتىم›› دەپ يازىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ چاپلىمىسىدا ئەكس ئەتكىنى دەل ياشلارنىڭ يۈرەك ساداسى ئىدى. مەكتەپ مىكرو بىلوگىدا لوكۈنلۇڭنىڭ چاپلىمىسىغا ئۇلاپلا ئېلان قىلىنغان دوكتور ئاسپىرانت ياۋجېننىڭ چاپلىمىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: ‹‹دوكتورلۇقتا ئوقۇشتىن ئىبارەت بۇ يولدا مېڭىش ماڭا نىسبەتەن تولىمۇ مۇشەققەتلىك ، بىراق بىز مۇشۇ يولنى تاللىغان ئىكەنمىز رېئاللىققا يۈزلىنىپ، باشقىلارغا ھەۋەس قىلماي، ئۆزىمىزنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىمىزنى قېزىپ چىقىرىشىمىز مۇھىم. دېلىغۇللۇقنىڭ بولۇپ تۇرۇشى نورمال ھادىسە، ئەمما ھالقىلىق مەسىلە بىزنىڭ ۋايسىماي، كەيپىياتىمىزنى تەڭشەپ، زېھنىمىزنى يىغىپ تەتقىقاتقا كىرىشىش – كىرىشەلمەسلىكىمىزدە. قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، چىدام – غەيرەت بىلەن قاقشاش، بوشاڭلىقلاردىن نېرى تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلىسەكلا مەسىلىنى ھەل قىلىش يولى ھامان تېپىلىدۇ››.
‹‹بىر ئۆلۈش ئەجىرنىڭ بىر ئۆلۈش مېۋىسىنى كۆرۈش›› بۇ لۇكۈنلۇڭنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. ئۇ بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: ‹‹گەرچە بۇ بىر كۆپ ئېيتىلىپ كەتكەن سۆز بولسىمۇ، بىراق مېنىڭ ئەمەلىيىتىمدە ھەقىقىي مەنىسىنى تاپتى. مەن تۇنجى ئىلمىي ماقالەمنى تاماملاپ ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچەمنى تېپىۋېلىپ، ئالىي مەكتەپتىكى ئىشلىرىم يۈرۈشكەندىن كېيىن يەنە كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدىم. مانا ھازىر باشقىلار ئىلمىي ماقالە يېزىش غېمىدە يۈرسە، مەن ئۆزۈم قىزىققان فوتوگرافلىق بىلەن مەشغۇل، باشقىلار مەكتەپ پۈتكۈزۈش دىپلومى ئېلىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇۋاتسا، مەن ساياھەت قىلىپ يۈرۈۋاتىمەن، باشقىلار تۇرمۇش ياردەم پۇلىنىڭ ئۆسمىگەنلىكىدىن قاقشىسا، مەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تۇرمۇشۇمنى خاتىرجەم ئۆتكۈزمەكتىمەن... گەرچە مەن دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەمنى تاماملاپ بولغان بولساممۇ، بىراق يەنىلا ئىلمىي تەتقىقات يولىدا داۋاملىق ئىزدەنسەم دەيمەن››.
جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك قىزىقتۇرۇشلىرىغا تولۇپ كەتكەن ھازىرقى بۇ ئالىي مەكتەپلەردە كەسىپ تاللاش بوسۇغىسىدىكى دېلىغۇل بولۇپ يۈرۈۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ‹‹تىرىشقان ئۇزار›› دېگەن ھەقىقەت ئىسپاتلىنىپ تۇرۇپتۇ. لۇكۈنلۇڭنىڭ ‹‹ئالىي مەكتەپنىڭ بىلىم كانىدىن ئالتۇن قېزىش›› نەزەرىيەسىگە قارىتا مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئېنېرگىيە ئىنستۇتىنىڭ مۇئاۋېن مۇدىرى، دوكتور يېتەكچىسى لوشاۋبىڭ تىرىشچانلىقنىڭ يەنىلا ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ: ‹‹بەزى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ كومپيۇتېر ئالدىدا ئون نەچچە سائەت ئولتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈملۈك ئولتۇرغان ۋاقتى زادى قانچىلىك؟ پەقەت زېھنىنى يىغىپ ماتېرىيال كۆرۈپ تەھلىل قىلغان، ھېسابلاش ئېلىپ بارغان، تەجرىبە ئىشلىگەن ۋە ئىلمىي ماقالە يازغان ۋاقىتلا خىزمەت قىلغان ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ. ھازىر كۆپلىگەن تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىلار تورغا چىقىپ پاراڭلىشىۋاتىدۇ ياكى تور بېكەتلىرىنى ئارىلاپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھازىرقى دوكتور ئاسپىرانتلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە بىلىم ئىگىلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى تولىمۇ زۆرۈر. ئىلىمىي تەتقىقاتقا كىرىشكەندە، تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىلار ئىشنى ئاۋۋال تەتقىقات ئوبيېكتىغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ھۆججەت – رىسالىلەرنى ئوقۇشتىن باشلاش كېرەك. تەقلىد قىلىپ باشقىلارنىڭ خىزمىتىنى تەكرار ئىشلەش جەريانىدا زۆرۈر بولغان تەتقىقات قورالىغا ئىگە بولۇشقىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك، شۇنداقلا تەتقىقاتقا بىرلەشتۈرۈپ بۆسۈش ئېغىزىنى تېزلىك بىلەن تېپىۋېلىش كېرەك. ئاندىن تەتقىقات قورالىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ يەكۈنىنى ئىسپاتلىشى كېرەك››.
ئەركىن ئەمەت تەرجىمىسى
مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved