سۆزلەشنىڭ ئىنساننى باشقا جانلىقلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان بەلگە ئىكەنلىكىنى بىلگىنىم بىلەن ‹‹باش نەدىن كېتىدۇ دېسە ئېغىزدىن›› دېگەن گەپنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاپ، بۇ قانداق گەپتۇ، ئېغىز باشنى قانداق كەتكۈزەلەيدىغاندۇ، باش نەگە كېتىدىغاندۇ، ھايۋانلارنىڭمۇ بېشىنى ئاغزى كەتكۈزۈۋېتەمدىغاندۇ، دېگەندەك سوئاللار قاينىمىغا غەرق بولۇپ يۈرگەن ۋاقتىمدا سەككىز ياشتا ئىدىم. بۇ گەپنىڭ ۋە بۇرۇن بىلمىگەن، چۈشەنمىگەن مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان يەنە نۇرغۇن گەپلەرنىڭ مەنىسىنى بىلگەن، چۈشەنگەن، بەزىلىرىنىڭ توغرىلىقىغا قايىل بولۇپ، ھەرقانداق ئىش – ھەرىكەت ۋە ئوي – پىكىرنىڭ ئىنسانغا ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋىتىنى قىسقا، ئىخچام، ئەقىلگە مۇۋاپىق سۆز – ئىبارىلەر ئىپادە قىلىپ، كۈندىلىك ئىش – ھەرىكىتىمىزدە ئەقىل كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ھەربىر قەدەمنى ئويلىنىپ باسساقلا خاتالاشمايدىغانلىقىمىزنى شۇنچە يىللار بۇرۇن ئەسكەرتىپ بولغان ئەقىللىق خەلقىمىزگە ئاپىرىن ئېيتقان ۋاقتىمدا 18 ياشتا ئىدىم.
گەپنى جىق قىلىدىغان، گەپ قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق ئىشقا قىزىقمايدىغان ھەم قولىدىن كەلمەيدىغان، قۇرۇق پاراڭ سېلىشقا ئامراق كىشىلەرنى دوست تۇتىدىغان، كەم سۆز كىشىلەرنى كۆرسە ئىچى پۇشىدىغان، نەدە قۇرۇق گەپ بولسا شۇ يەردە پەيدا بولۇپ تەڭ قوشۇق سالىدىغان، بىرەر ئېغىز گەپنى كۈلكىلىك قىلىۋالسا، ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ دەستۇرى سۈپىتىدە سورۇن – سورۇندا ئاغزىدىن شالى ئېقىپ تۈگىگىچە تەكرارلايدىغان، ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ، خەقنىڭ يامان گېپىنى كۆپرەك قىلىۋالسا كۆڭلى ئېچىلىپ، كەيپىياتى كۆتۈرۈلۈپ قالىدىغان، بىرەركىم ئۆزىدىن ئۇنى – بۇنى سوراپ قالسىغۇ نەچچە ياش ياشىرىپ قالغاندەك، يوغان بىر مەنسەپكە ئېرىشكەندەك شادلىنىپ، كېرىلىپ كېتىدىغانلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلگەن ۋاقتىمدا 28 ياشتا ئىدىم.
ئوشۇق گەپ قىلغانلار، گەپ توشۇغانلار، سورىمىغان گەپكە جاۋاب بەرگەنلەر، يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن ئازغىنا مەنپەئەتنى دەپ يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلەر، ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز پاراڭغا، مۇناسىۋەتسىز ئىشقا ئارىلىشىپ قويۇپ چوڭ بالاغا، تۈگىمەس جوداغا قالغانلار، بىلمىگەننى، كۆرمىگەننى ‹‹بىلمەيمەن›› دېيىشتىن خىجىل بولۇپ، ئويلىمايلا پەرەز بىلەن خۇددى ئەينەن بىلىدىغاندەك، ھېلىلا كۆرگەندەك جاۋاب بېرىپ قويغانلارنىڭ يېتىپ ئاشقۇدەك ساۋاققا، سۆز – چۆچەك بولغۇدەك ئەلەم – پىراققا، بۇرنى چىلاشقۇدەك لەنەتكە قېلىپ پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي يۈرگەنلەر توغرىسىدىكى گەپلەرنى، گەپ ساقلاشنى بىلمەيدىغان، ئازراقلا گەپ تاپسا شۇئان بىرىنى تېپىپ دەۋەتمىسە ئىچىنى مۈشۈك تاتىلىغاندەك، تاپىنىغا تىكەن سانجىلغاندەك بىئارام بولىدىغان، گەپ ساقلاشنى دۇنيادىكى ئەڭ مۈشكۈل ئىش ھېسابلايدىغان، يالغاننى راستەك بايان قىلىپ باشقىلارنى ئىشەندۈرەلەيدىغان، راست گېپى بىلەن يالغان گېپىنى پەرق ئەتمەك تەس بولغانلارنىڭ ئۆزگىچە مىجەزى پۇتىغا چوماق، بېشىغا توقۇناق بولغانلىقىنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا 38ياشلىق ئايالغا ئايلاندىم.
ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئاغزىدىن چىققان گەپكە ھەرقاچان مەسئۇل بولىدىغان، ھەرقانداق گەپنى ئويلىنىپ، ئەقىل ئەلگىكىدىن ئۆتكۈزۈپ قىلىدىغان، ئاغزى ئىتتىكلىك سەۋەبىدىن ئويلىمىغان بالاغا، ئاخىرى چىقماس دەۋاغا قالمايدىغان، ۋەدە بېرىپ قالسا ئەمەل قىلماي قويمايدىغان، ‹‹ماقۇل›› نى چوقۇم ‹‹ماقۇل››غا ئايلاندۇرىدىغان، ئادەمنىڭ ئالدىمۇ، كەينىمۇ ئوخشاشلا ‹‹گۈل›› بولىدىغان، كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋالغۇچە دېمىگەن گېپى قالمىغىنى بىلەن، كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋېلىپلا كۆۋرۈكنى بۇزۇۋەتمەيدىغان، قانداق جايدا، قانداق چاغدا سۈكۈت قىلىشنى بىلىدىغان، سۈكۈتنىڭ بەزىدە ئاقىللىق، بەزىدە غاپىللىق بولىدىغانلىقىنى، بەزىدە ‹‹كۆرمىگەن››، ‹‹ئاڭلىمىغان›› بولۇۋېلىشنىڭمۇ ئادەمگە پايدىسىز ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتكەن، ئوشۇق گەپنىڭ ئېشەككە ئەمەس، ئادەمگە يۈك بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا نەچچە ياشقا كىرىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن. ئەمما 48، 58، ...68 ياشلارغا كىرگۈچە تېخىمۇ مۇكەممەل ئادەم بولۇشقا تىرىشىدىغانلىقىمنى بىلىمەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved