بېيجىڭ ۋاقتى4-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر سائەت 3:30 ئۆتكەندە، ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بالۇنسىيانىڭ مېستارىيا توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. يەنى خان مادرىد كۇلۇبى بىلەن بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ ئىسپانىيە ئەسىر چوڭ جېڭى! دىمارىيا تۇنجى توپنى كىرگۈزدى، بارتلا كاللا توپ ئارقىلىق نومۇرنى تەڭلەشتۈرۈپ قويدى.بېل ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تىز سۈرئىتى ئارقىلىق ھەل قىلغۇچ توپنى كىرگۈزدى. خان مادرىد 2-1 نەتىجە بىلەن بارسېلونا كۇلۇبىنى ئۇتۇپ ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىغا ئېرىشتى.
10مىنۇت بولغاندا خان مادرىد ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. خان مادرىد كەينى مەيداندىن توپنى تارتىۋېلىپ تىز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىدى. بېنزىما يانتۇ پاس بەردى. دىمارىيا توپنى ۋاراتارغا كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 1-0 قىلدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان شۇ بىر توپ بىلەن ئاخىرلاشتى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلاندى. 69مىنۇت بولغاندا بارسېلونا كۇلۇبى نومۇرنى تەڭلەشتۈردى. شاۋى بۇلۇڭ توپ چىقاردى. بارتلا ئوتتۇرا يولدىن توپنى ئۈسۈپ كىرگۈزدى. نەتىجە 1-1 بولدى.
85مىنۇت بولغاندا خان مادرىد يەنە ئېشىپ كەتتى. خان مادرىد كەينى مەيداندىن توپنى ئېلىۋالدى. بېل توپقا ئېرىشكەندىن كېيىندىن 60 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىن يۈگۈرۈپ توپنى ۋاراتارغا كىرگۈزدى. خان مادرىد كۇلۇبى 2-1 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. نەتىجە مۇشۇنداق ئاخىرلاشتى. خان مادرىد كۇلۇبى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىغا ئېرىشتى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان ۋە ھەل قىلغۇچ توپنى كىرگۈزگەن بېل پۈتۈن مەيداندىكى ئەڭ يۇقىرى نومۇر 9.1گە ئېرىشتى.
خان مادرىد كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان ئەزالار: كاسىللاس. راموس. پې پې. كونتېرىۋا. كالۋاخار. ئالونسۇ. مودرىچ. بېل. دىمارىيا. ئىسكو( 87 مىنۇت بولغاندا كاسمىرو ئورنىغا چىقتى.) بېنزىما (90 مىنۇت بولغاندا ۋارانى ئورنىغا چىقتى.)
بارسېلونا كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان ئەزالار: پىنتو. ئارۋىس. ئالبا. بارتلا.ماستىرانو. فابرىگاس.( 70 مىنۇت بولغاندا پېدرو ئورنىغا چىقتى.) ئىنىستا. شاۋى. بۇسكېس. مېسسى. نېيمار.
پۇتبول تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved