جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى ، جوخاننېسبۇرگ ، 31-ئىيۇل تېلېگراممىسى : غەربىي ئافرىقا دۆلىتى گىۋىنىيەدە يېڭى بىر خىل ۋىرۇس ـــــ ئېبولا ۋىرۇسى تېز سۈرئەتتە يامراشقا باشلاپ ، نۆۋەتتە 1323 ئادەم بۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ، 729 ئادەم قازا قىلغان . نۆۋەتتە ، ئافرىقىدىكى جەنۇنىي ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەر ھەر قايسى چېگرا ئېغىزلىرىغا تەكشۈرۈش نۇقتىسى قۇرۇپ ، چېگرىدىن كىرىدىغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيىتكەن . ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى نۇرغۇن جايلارمۇ دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ، غەربىي ئافىرىقا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن .
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 29-ئىيۇلدىكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇم ئەھۋالى 2-ئايدا گىۋىنىيەدە بايقالغاندىن بۇيان ، ھازىرغا قەدەر گىۋىنىيەدە 460 ئادەم بۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ، 339 ئادەم قازا قىلغان ، قوشنا دۆلەت لىبىرىيەدە 329 ئادەم يۇقۇملىنىپ ، 156 ئادەم قازا قىلغان ، سېررالېئوندا 533 ئادەم يۇقۇملىنىپ ، 233 ئادەم قازا قىلغان ، نىگېرىيەدە بىر ئادەم يۇقۇملىنىپ ، قازا قىلغان .
ئىگىلىنىشىچە ، ئېبولا ۋىرۇسى ھازىرغا قەدەر بايقالغان ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ۋىرۇسنىڭ بىرى بولۇپ ، ھازىرغىچە بۇنىڭغا قارىتا ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى يوق ئىكەن . بۇ خىل ۋىرۇس قان ۋە باشقا سۇيۇقلۇقلاردىن تارقىلىدىغان بولۇپ ، تارقىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز ئىكەن . بۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلاردا قاتتىق قىزىش ، باش ئاغرىش ، ئىچى سۈرۈش ۋە ياندۇرۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved