بوۋاقلارنىڭ ئۆپكىسى ئىككى دانە شارغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، بوۋاقلار تۇغۇلغان ھامان يىغلىشى شەرت. چۈنكى ھامىلە ئانىنىڭ بالىياتقۇسى ئىچىدىكى چېغىدا، ئۆپكىسى يېپىق ھالەتتە بولغاچقا نەپەس ئالالمايدۇ. ھامىلىگە كېتەرلىك ئوكسىگېننى بالا ھەمراھى تەمىنلەپ تۇرىدۇ.
ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن ھەمراھى بالىياتقۇدىن دەرھال ئاجىرايدۇ. بۇ چاغدا بوۋاقلار ھەمراھى ياكى كىندىكىدىن ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشكە ئامالسىز قالىدۇ. شۇڭلاشقا بوۋاقلار ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق نەپەس ئېلىشنى يىغلاشتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئاۋازلىق يىغلاش - بوۋاقلارنىڭ ئۆپكىسىنى كېڭەيتىش ۋە نەپەس ئېلىشنى باشلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved