جاھان ئاگېنتلىقى 27-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: شىمالى سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيتى سايلام كومىتىتى، پرېزىدېنت سايلىمىدا مۇستاپا ئاكىنجىنىڭ غەلبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئالى سايلام كومىتىتى باشلىقى شەفەق ئۆنەرى، سايلامغا قاتنىشىش نىسىبىتىنىڭ يۈزدە 64.15% بولغانلىقىنى، تاشلانغان 110 مىڭ 60 ئاۋازدىن 108 مىڭ 32 ىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مۇستەقىل نامزاتلاردىن ئاكىنجى 65 مىڭ 412 ئاۋاز بىلەن يۈزدە 60.38% ، دەرۋىش ئەر ئوغلى 42 مىڭ 520 ئاۋاز بىلەن 39.62% نەتىجىگە ئېرىشكەن بولۇپ بۇ سايلامدا ئاكىنجى غەلبە قىلغان. رەسمى نەتىجىلەر بۈگۈن كەچ ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، ئاكىنجى رەسمى دوكلاتىنى ھەپتە ئىچىدە ئالىدۇ. ئاكىنجىنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدە ئولتۇرۇش مۇددىتى 5 يىل بولىدۇ.
سابىق پرېزىدېنت دەرۋىش ئەر ئوغلى ئاكىنجىنىڭ 4-نۆۋەتلىك پرېزىدېنت سايلىمىدا غەلبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. جەنۇبى سىپرۇس ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرىمۇ ئاكىنجىغا تەبرىك تېلگراممىسى ئەۋەتتى. تۈركىيە ئۆكتىچى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى باشلىقى كامال قىلىچدار ئوغلى مۇستاپا ئاكىنجىنىڭ سايلامغا غەلبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved