شۇ جاي ۋاقتى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى برازىلىيە مەركىزى بانكىسى ئېلان قىلغان « قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش دوكلاتى »دا ئېيتىلىشىچە، پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرىچە، بىرازىلىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىللىق چېكىنىش نىسبىتى ئالدىنقى ھەپتىدىكى مۆلچەردىكى %3.15 تىن %3.19 كە چوڭىيىدىكەن، پاخاللىشىش نىسبىتىمۇ %10.38 كە يېتىدىكەن. بۇ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى بۇيىچە 1- ئورۇندا تۇرىدىغان، دۇنيا بۇيىچە 7- ئورۇندا تۇرىدىغان برازىلىيەنىڭ نۆۋەتتىكى مەنپىي ئېشىش، پاخاللىشىش پاتىقىقىدىن قۇتىلالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرىچە، بۇ يىل بىرازىلىيە ئىقتىسادى %3.19 تۆۋەنلەپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلىنغان مۆلچەر دوكلاتىدىكىدىن 0.04 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولىدىكەن. بۇ 1990- يىلى بىرازلىيە ئىقتىسادىدا %4.35 تۆۋەنلەش كۆرۈلگەندىن بۇيانقى برازىلىيەنىڭ ئىقتىسادى ئىپادىسى ئەڭ ناچار بىر يىل بولۇپ قالىدىكەن.
ئىقتىساد كاساتلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، برازىلىيەدە مال باھاسىمۇ شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتكەن. تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرىچە بۇ يىل برازىلىيەدىكى پاخاللىشىش نىسبىتى %10.38 كە يېتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ پاخاللىشىش نىسبىتىنى %4.5 ئەتراپىدا كونترول قىلىش نىشانىدىن ئىككى ھەسسە ئېشىپ كېتىپ، 2002- يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئېشىش نىسبىتى بارلىققا كېلىدىكەن.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved