چارشەنبە بۇلۇنتې قەرەللىك نېفىت باھاسى ئاسىيا بازىرىدا ئالدىنقى كۈنىدىكى چۈشۈش يۆلىنىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 35.98 دوللار/باك 11 يىلدىن بۇيانقى يېڭى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى، چۈنكى تەمىنلەش ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى، 2016-يىلى تەييار ماي پايدىسىنىڭ تۆۋەنلىگىچە داۋاملىشىش مۆلچەرى، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ قويدى. ئۆز- ئارا سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا نېفىت باھاسى %1 يېقىن ئۆسۈپ، 36.55 دوللار/ باك بولدى، بۇ بۇلۇنتې نېفىت باھاسىدىن يۇقىرى بولۇپ، بۇ يىل 1-ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يۇقىرى بولىشى ھېسابلىنىدۇ.
Kronenberg Capital Advisors نىڭ ياردەمچىسى Matthew Perry نىڭ ئېيتىشىچە، " ئامېرىكا ئېكىسپورتنى چەكلەش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بىز بۇلۇنتې نېفىت بىلەن ئامېرىكا نېفىت باھا ئوتتۇرسىدىكى باھا پەرقى يوق بولدى، مۆلچەردە بۇ ئەھۋال داۋاملىشىشى مۇمكىن، چۈنكى ئامېرىكا نېفىتى دۇنيا ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىدىن تېخىمۇ يۇقىرى بولغان. بىزنىڭ مۆلچەرىمىزدە ئىككىسىنىڭ باھا پەرقى ناھايىتى كىچىك دائىرىدە بولۇپ، بەزى ۋاقىتلاردا ئامېرىكا نېفىت باھاسى بۇلۇنتې نېفىت باھاسىدىنمۇ يۇقىرى بولىشى مۇمكىن."
ئامېرىكا نېفىت جەمئىيتى(API) نىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېيتىشىچە، ئەڭ يېڭى بىر ھەپتىلىك ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى 3 مىليون 600 مىڭ باك كېمىيىپ، 4.867 مىليارد باك بولدى. رېيتىر ئاگېنتلىقى تەكشۈرۈشدىكى تەھلىلچى مۆلچەرىدە 1 مىليون 100 مىڭ باك ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. كۇشىڭ نېفىت زاپاس مىقدارى 1 مىليون 500 مىڭ باك ئاشقان.
گاۋشېڭ سەيشەنبە ئېلان قىلغان باياناتىدا ئېيتىشىچە، "بىزنىڭ قارىشىمىزچە، كىلەر يىللىق تەمىنلەش يەنىلا ئېشىپ كېتىدۇ، تەمىنلەش ئېھتىياج 2016- يىلنىڭ 4 پەسلىگە يېتىپ كەلگەندە تەڭپۇڭلىشىدۇ." دەپ ئېيتقان.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئىللىق ھاۋارايى بازار كەيپىياتىغا يەنە بىر قەدەم ئۈمۈدسىزلىك قوشتى، بۇ يىل قىشتا شىمالىي يېرىم شارنىڭ ھاۋارايى ئادەتتىكىگە ئوخشىمىغان ئىللىق بولدى، بۇ ئىسسىتىش مېيى ئېھتىياجىنى سۇسلاشتۇردى. 2016-يىل دۇنيا نېفىت تەمىنلەش ئېھتىياجدىن يۇقىرى بولۇش ئېھتىياجى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ قويدى.
بېيجىڭ ۋاقتى 07:26 دە، ئامېرىكا نېفىت باھاسى 36.53دوللار/باك بولدى؛ بۇلۇنتې نېفىت باھاسى 36.11 دوللار/باك بولدى.
ئەسكەرتىش:
ئادەتتە 1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ؛
بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 6.4731 يۈەن؛
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved