بىر ھەپتە بۇرۇن ،بەزى ئۆتكۈنچى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا مەركىزى بانكا رەقەملىك پۇلنى بازارغا سالىدىكەن دېگەن خەۋەرلەر تارقالدى. ئەسلى خەۋەر مەزمۇنى مۇنداق : مەركىزى بانكا 2014-يىلىدىن باشلاپ مەخسۇس تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇپ رەقەملىك پۇلنى تارقىتىش، كەسىپ ئاساسى رامكىسىنى قۇرۇش، ھالقىلىق تېخنىكىلار ۋە ئوبوروت مۇھىتى قاتارلىقلارغا قارىتا مەخسۇس چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلغان. نۆۋەتتە بۇ تەتقىقات ئاللىقاچان خېلى مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
ئۇنداقتا بۇ رەقەملىك پۇل دېگەن قانداق نەرسە ؟ ئۇ بىخەتەرمۇ ؟ ئەمدى تېخى نەچچە ئاي بۇرۇن تالىشىپ ئالماشتۇرۇۋالغان يېڭى ھەشەمەتلىك يۈز يۈەنلىك پۇللىرىڭىزنى يەنە ئىشلەتكىلى بولارمۇ؟
ئالدى بىلەن رەقەملىك پۇل دېگەن زادى قانداق نەرسە؟ دېگەن سوئالغا كېلەيلى : ھازىر بۇنىڭ تېخى قېلىپلاشقان بىرەر ئېنىقلىمىسى يوق. بىرقەدەر ئومۇملاشقان قاراش بولسا : رەقەملىك پۇل بولسا ئېلېكتىرونلۇق پۇل شەكلىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك پۇل. يەنى بىرەسمىي ئورگانلار تارقاتقان مەۋھۇم پۇل، مەسىلەن ھازىر ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان بىت پۇلى. ئۇنىڭدىن باشقا رەقەملىك تەڭگە ۋە مەخپىي كودلۇق پۇلمۇ رەقەملىك پۇلغا كىرىدۇ. لېكىن بۇلارنى پەقەت مەۋھۇم دۇنيادىكى مەۋھۇم پۇل دەپ قارىساقمۇ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار پەقەت تور ئويۇنلىرىدا ئىشلىتىلىپلا قالماي يەنە دائىم رېئال تۇرمۇشتىكى ھەقىقىي تاۋارلارنى سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
خۇاروڭ ئاكسىيە بايلىق باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ باش دىرېكتورى شاۋپونىڭ بىلدۈرۈشىچە، رەقەملىك پۇل كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش بىلەن رەقەملىك پۇل بىرقەدەر يېقىنلىشىپ قالىدىكەن. سودىدا ئىشلىتىلىدىغان پۇللار بانكا ھېساباتى ئارقىلىق كىرىدىغان بولغانلىقتىن مەركىزى بانكىنىڭ پۇل تارقىتىش كۆلىمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىكەن. لېكىن مەركىزى بانكا بۇنىڭدىن كېيىن تارقاتماقچى بولۇۋاتقان رەقەملىك پۇل مەركىزى بانكىنىڭ پۇل تارقىتىش تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن. نۆۋەتتىكى ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش بولسا پەقەت قەغەز پۇلنىڭ قىممىتىنى تورغا يوللاش ئىكەن. لېكىن كەلگۈسىدە تارقىتىلماقچى بولۇۋاتقان رەقەملىك پۇل بولسا رايون زەنجىرى ئىچىدە ھېسابات قۇرىدىغان بولۇپ، بانكا خادىملىرىنىڭ ھېساب بىرتەرەپ قىلىشى ھاجەتسىز ئىكەن. ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش بولسا پەقەت تاق يۆنىلىشتە ھېسابات خاتىرىلەيدىكەن.
ھېساب ئاغدۇرۇش، ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش ۋە بىت پۇلى دېگەنلەرنى بۇرۇن ئاڭلىغاندەك قىلىمىز. لېكىن بۇ رايون زەنجىرى دېگەن قانداق ئۇقۇم؟ ئۇنىڭ ئېنىقلىمىسى مۇنداق : رايون زەنجىرى بولسا مەركەزلەشتۈرۈلگەن ۋە ئىشەنچلىك بولغان بىر سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسى لايىھەسى. يەنى، ئۇ بىر ئالاھىدە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بولۇپ، سانلىق مەلۇماتنى كىرگۈزگىلى بولىدۇ، لېكىن كىرگۈزگەندىن كېيىن ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ تېخنىكا كېيىنچە ئومۇملىشىپ قالسا سودىدا تېنىۋالىدىغان ئىشلار بولمايدۇ. چۈنكى بۇ سانلىق مەلۇمات پۈتۈنلەي ئاشكارا ھالەتتە بولىدۇ، ھازىرقىدەك ئىناۋەت توپلايدىغان ئىش يوق، بۇ سانلىق مەلۇمات ئىچىدە ھېساب قۇرغان ھەربىر كىشىنىڭ ھېسابات خاتىرىسى پۈتۈنلەي تولۇق خاتىرىلىنىپ ماڭىدۇ.
قارىغاندا رەقەملىك پۇل ئىشەنچلىك ئىكەن. بىراق يېڭىلا تارقىتىلغان يېڭى يۈز يۈەنلىك پۇلنى تېخى خەجلەپ بولمىغان تۇرساق! بەزىلىرىمىز تېخى ئۇنىڭ دىدارىنىمۇ كۆرۈپ باقمىدۇق! رەقەملىك پۇل يولغا قويۇلسا قەغەز پۇلنىڭ يەنە قىممىتى قالارمۇ؟ مەيلى قايسى خىل شەكىلدىكى پۇل بولسۇن، ئۇنىڭ تارقىتىلىش كۆلىمى ھامان مەركىزى بانكا تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ. رەقەملىك پۇل ئاساسلىقى كۆرسەتكۈچ پۇل شەكلىدە بولىدۇ. كەسپىي ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، مەركىزى بانكىنىڭ كۆرسەتكۈچ پۇلى ئادەتتىكى خەلق پۇلىنىڭ ئىلىكتىرونلاشتۇرۇلغىنى بولۇشى مۇمكىن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، مەركىزى بانكا تارقىتىدىغان پۇلنىڭ مىقدارىنى بېكىتىۋالغاندىن كىيىن ئۇنى قەغەز پۇل شەكلىدە تارقاتسىمۇ، رەقەملىك پۇل شەكلىدە تارقاتسىمۇ بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، نۆۋەتتىكى مال سېتىۋالغان ۋاقتىمىزدا كارتا سۈرۈشىمىز، ھېسابات ئاغدۇرۇشىمىز پەقەت بانكا ھېساباتىمىزدىكى رەقەملەرنىڭ ئۆزگىرىشى خالاس. شۇڭا رەقەملىك پۇل تارقىتىلدى دېگەندىمۇ ئۇ قەغەز پۇلنىڭ تارقىتىلىش مىقدارىنى ئازلىتىۋەتمەيدۇ.
ئۇنداقتا مەركىزى بانكىنىڭ بۇ رەقەملىك پۇلى بىلەن بانكا كارتىمىزدىكى پۇلنىڭ قانداق پەرقى بار؟ بانكا كارتىمىزدىكى پۇلنىڭ كەينىدە ئۇنىڭغا ماس بولغان نەق پۇل بولىدۇ. لېكىن رەقەملىك پۇل ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭ ئۆزىلا قىممەتكە ئىگە. ئۇنى پۇلغا تېگشكىلى بولىدۇ، لېكىن ئۇ پۇلنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ھېساباتى ئەمەس. رەقەملىك پۇل تارقىتىلغاندىن كىيىن قانداق شەكلىدە بولىدۇ؟ بۇنى مەركىزى بانكا تېخى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ.
رەقەملىك پۇلنىڭ بىت پۇلى بىلەن نېمە پەرقى بار؟ بىت پۇلى دېگەن يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكا ئۇستىلىرى ئاچقان، ئالاھىدە سېتىش سۇپىسى بولغان بىر تۈرلۈك مەۋھۇم پۇل بولۇپ، ئادەتتىكى نورمال سودىدا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. رەقەملىك پۇل بولسا مەركىزىي بانكا تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ. ئۇنى ھەرقانداق قانۇنلۇق سودا پائالىيىتىدە ئوبوروت قىلغىلى بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە رەقەملىك پۇلنىڭ نۇرغۇن ياخشى تەرەپلىرى بار .مەسىلەن. ھەممە كىشىنىڭ ھېساباتى ئاشكارا ھالەتتە بولىدۇ، بارلىق ھېساباتى ئاپتوماتىك خاتىرىلىنىپ ماڭىدۇ. ھەتتا باج ئاپتوماتىك تۇتۇلۇپ مېڭىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا باجدىن قېچىش، باج ئوغرىلاش قاتارلىق قىلمىشلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا يەنە رەقەملىك پۇل ئەنئەنىۋى قەغەز پۇلنىڭ تارقىتىلىش تەننەرخىنى تېجەپ، مۇكەممەل بولغان چىقىم قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا شەرت يارىتىدۇ.
ئۇنداقتا رەقەملىك پۇل بۇنداق ياخشى تۇرسا نېمىشقا ھەممە پۇلىمىزنى بىراقلا رەقەملىك پۇلغا ئالماشتۇرۇۋەتمەيمىز؟ مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: كەلگۈسىدە قەغەز پۇل يوقاپ ئورنىنى مۇشۇ رەقەملىك پۇل ئالىدۇ. لېكىن رەقەملىك پۇلنى يولغا قويۇش ئۇنداق كىچىك ئىش ئەمەس، نۇرغۇن تېخنىكىلىق مەسىلىلەر تېخى ھەل بولمىدى. شۇڭا قەغەز پۇل يەنە خېلى ئۇزۇن مەزگىللەرگىچە داۋاملىق ئوبوروت قىلىنىدۇ. كۆپچىلىك ئەنسىرەپ كەتمەي قەغەز پۇللىرىنى خاتىرجەم خەجلەۋەرسە بولىدۇ، يېڭى پۇلمۇ داۋاملىق تۈردە تارقىلىدۇ.
ئەمدى دۇنيانىڭ قايسى جايلىرىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئېلېكتىرونلۇق پۇل تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ ؟بۇنىڭغا قاراپ باقايلى : ئەنگلىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ناتالىيە.كىرلاند ئالدىنقى كۈنى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا :ئەنگلىيە ھازىر دۇنيادىكى ھەرقانداق ئادەم ئىشلىتەلەيدىغان قەغەز پۇل تارقىتىۋاتىدۇ. ئۇلار قەغەز پۇلنىڭ پەقەت كاپالەت رولىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بىز يەنە رەقەملىك پۇلنىڭ كىشىلەرگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلەيدىغان ياكى بېرەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا تەكشۈرۈۋاتىمىز، لېكىن نۆۋەتتىكى تەتقىقات تېخى دەسلەپكى باسقۇچتا، دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved