پىروففىسور خاۋكىڭ.سېتىفىننىڭ بىلدۈرۈشىچە قارا ئۆڭكۈرلەر ئۇنىڭ ئىچىگە تارتىپ كېتىلگەن نەرسىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ساقلايدىكەن.
فىزىكا ئالىملىرى ئۇزۇندىن بىرى قارا ئۆڭكۈر يۇتۇپ كەتكەن نەرسىلەرنىڭ فىزىكىلىق ئۆزگىرىش ئۇچۇرى ھەققىدە تالاش تارتىش قىلىۋاتقان ئىدى.
بۇ ئۇچۇرلار قارا ئۆڭكۈر تەرىپىدىن يوقىتىۋېتىلىدۇ دەپ قارالغان ئىدى، ئەمما ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ خىل قاراش كىۋانىت فىزىكىسى قانۇنىغا خىلاپ.
خاۋكىڭ پروفېسسور نۆۋەتتە بۇ ئۇچۇرلارنىڭ قارا ئۆڭكۈر ئۇچۇرىغا تەۋە بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئەمما ئۇنىڭ چېگرىسىغا ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
كەڭ مەنىدىن ئالغاندا ، قارا ئۆڭكۈر بولغان جايلاردىكى تارتىش كۈچى شۇنچىلىك كۈچلۈككى ، ھەتتا نۇرمۇ ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمايدۇ .
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، كۋانت مېخانىكىسى قانۇنىيىتىگە ئاساسەن ، بىز ياشاۋاتقان دۇنيادىكى بارچە نەرسىلەرنى ئۇچۇرغا ئايرىش مۇمكىن، مەسىلەن بىر قاتار 0 ۋە 1لەر ئارقىلىق ئىپادىلەش. مۇشۇ قانۇنلارغا ئاساسەن ، بۇ ئۇچۇرلار غايىب بولماسلىقى كېرەك ، ھەتتا ئۇ قارا ئۆڭكۈر تەرىپىدىن يۇتۇپ كېتىلگەن بولسىمۇ.
بىراق ئبينىشتبيننىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىـيـىـسـى بويىچە ئېيتقاندا ، ئۇچۇر ئۈزۈل- كېسىل بەربات قىلىنغان بولىشى كېرەك . بۇنداق مۈشكۈل ئەھۋال "ئۇچۇر پارادوكس"دەپ ئاتىلىدۇ.
خاۋكىڭ پروفېسسور مۇنداق دەپ قارىدى ، ئۇچۇرلار ئۇنىڭ قارا ئۆڭكۈرگە تەۋە بولىشىنى توسىدۇ.
خاۋكىڭ بىر قېتىملىق شىۋىتسىيە ستوكھولم تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى خان جەمەتى ئىنىستوتىدا سۆزلىگەن لىكسىيەسىدە شۇنداق دەيدۇ :« ئۇچۇر پەرەز قىلىنغىنىدەك قارا ئۆڭكۈر ئىچىگە كىرىپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ چېگرا دائىرىسدە - كۆرۈش دائىرىسدە بولىدۇ"
كۆرۈش دائىرىسى بىر چېگرا ، ياكى كەينىگە قايتىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان، ۋە بۇ دائىرىگە كىرگەندىن كىيىن قارا ئۆڭكۈرنىڭ تارتىش كۈچىدىن ئامان قېلىش مومكىن بولمايدىغان جايدۇر.
خاۋكىڭ ئىزچىل كامبرىجدىكى خىزمەتدىشى مالكۇلىم پېررى پروفېسسور ۋە ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئاندىرېۋ سىترومىنگېرلار بىلەن بىرلىكتە بۇ مەسىلە ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بىرىۋاتقان بولۇپ، . ئۇلار قارا ئۆڭكۈر كۆرۈش دائىرسىدىكى ئۇچۇرلار ئىككى ئۆلچەملىك ھولوگىراممىغا ئۆزگىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ ۋە بۇ خىل ھادىسە دەرىجىدىن تاشقىرى تەرجىمە دەپ ئاتالغان.
خاۋكىڭ ئىزاھلاپ مۇنداق دېدى« دەرىجىدىن تاشقىرى تەرجىمىلەر قارا ئۆڭكۈر سۈمۈرگەن جىسىملارنىڭ ھولوگىراممىسى،شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئۇلار يوقاپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان بارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. »
جەنۇبىي ئامپتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ، نەزەرىيىۋى فىزىكا ئىلمى ئالىمى پروفېسسور مارىكا تايلور ، BBC ئاخباراتقا مۇنداق دەيدۇ : » ئېينىشتىيىننىڭ نەزەرىيەسى بىزگە شۇنى يەتكۈزىدۇ : قارا ئۆڭكۈر تەرىپىدىن سۈمۈرۈپ كېتىلگەن نەرسىلەر ئۇنىڭ چېگرىسىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ."
« ھولوگرافىيە ھادىسىسى ئېينشتېين قارا ئۆڭكۈر سۈرئىتىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئېنىقراق ئېيتقاندا قارا ئۆڭكۈرنىڭ كۆزى، ئىچكىرى قىسمى بار يوقلىقى ياكى ئۇ سۈمۈرۈپ كەتكەن نەرسىلەرنىڭ ئۇنىڭ كۆرۈش دائىرسى ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى ۋە ھولوگىرامما شەكلىدە ساقلىنىدىغان ساقلانمايدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس." ئۇ يەنە مۇنداق دەپ تولۇقلاپ قويدى : بۇ ھەقتە تېخى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلمىدۇق.
كۆرۈش دائىرسى ھەققىدىكى مۇھىم مەسىلە ھەققىدە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « ھېچكىم ئۇنىڭ يۈز بېرىشى ھەققىدىكى تەپسىلاتنى چۈشەنمەيدۇ، — بۇ خاۋكىڭ تەتقىق قىلىۋاتقان مەسىلە، ئۇنىڭدىن باشقا « كۈل رەڭ موگۇ » ۋە « مۇداپىئە تېمى » تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە »
ھازىر بۇ ھەقتە ماتېماتىكا ئالىمى خاۋكىڭ ھېچقانداق باشقا ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىمىدى ، لېكىن ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتىدە بىر پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلماقچى .
ئەگەر ئۇچۇر بۇ خىل چىگىش شەكىلدە بولمىسا ، ئەگەر ئۇ بىر كۆزەتكۈچى ساقلاشقا يېتەرلىك ۋاقتى بولسا، قارا ئۆڭكۈر تارتىپ كەتكەن بارلىق نەرسىلەرنى ئەسلىگە قايتۇرۇش مۇمكىن .
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved