دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، مەركىزىي بانكا تۇنجى ئۆي سېتىۋالغانلىقىنى بېكىتىش ئۆلچىمىنى بوشىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بازاردا بۇ ئۆكتەبىر دەم ئېلىشىدا ئۆي بازىرىغا ياخشى پۈرسەت ئېلىپ كېلىشى مۈمكىن دەپ مۆلچەرلەنگەن ئىدى، ئەمما ئۆكتەبىر دەم ئېلىشى ئاياغلىشاي دەم قالسىمۇ، جايلاردا ئۆي بازىرىدا ئۆينىڭ سېتىلىش سانى مۆلچەردىكىدەك بولمىدى، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ كۆپى يەنىلا كۆزىتىش ھالىتىدە تۇردى. كەسىپ ئەھلى ئۆي كەسىپى قەرزى توغرىسىدىكى يېڭى بەلگىلىمە قانداق بولغاندا ۋە ئىناۋەتلىك قەرز دائىرىسىنى بوشىتىش دەرىجىسى قانداق بولغاندا بازارغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ تەھلىل قىلىشماقتا.
جۇڭيۈەن ئۆي مۈلۈكچىلىكىنىڭ بازار باش نازارەتچىسى جاڭ داۋېي مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: سىياسەت ھەقىقەتەن بىر قىسىم ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ بازارغا كىرىش ئاكتىپچانلىقىنى ئۆستۈردى، ئەمما نۆۋەتتە بۇ مەركىزىي بانكىنىڭ پىرىنسىپال سىياسىتى. جايلاردىكى بانكىلار بۇنى ئارقىدىن قانداق ئىجرا قىلىدۇ، ئىناۋەتلىك قەرز دائىرىسىنى بوشىتىش قانچىلىك دەرىجىدە بولىدۇ دېگەندەك كونكىرت نىزاملارنىڭ بازارغا بولغان تەسىرى تېخىمۇ زور بولىدۇ. نۆۋەتتە پۈتكۈك بازار ئاساسىي جەھەتتىن كۆزىتىپ بېقىش جەريانىدا تۇرماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved