سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى يەنە بىر ئايدىن كېيىن باشلىنىدۇ ، ھازىر مۇسابىقىدە قاتنىشىدىغان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پۇتبول كوماندىلىرى ئۆزلىرىنىڭ پۇتبولچىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى بەس -بەستە ئېلان قىلماقتا .
ھەر قايسى دۆلەت پۇتبول كوماندىلىرى ئاپتوبوسلرىدىكى شۇ ئارلىرىنى تەييار قىلدى . دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى تىلغا ئېلىنسا تەبئىيلا ساھىبخان دۆلەت برازىلىيە ئەسكە كېلىدۇ .
ئەلۋەتتە برازىلىيە كوماندىسىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ، بەش قېتىم دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى بولغان برازىلىيە كوماندىسى ئالتىنچى قېتىممۇ چېمپىيون بولۇشقا ئۈمىت باغلىماقتا . ئۇلار ‹روھنى ئۇرغۇتۇپ ئالتىنچى قېتىملىققا كۈچ چىقىرايلى ›دېگەن شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويدى .
برازىلىيە كوماندىسى بىلەن ئوخشاش ئىشەنچىگە تولغان شۋېتسارىيە كوماندىسىنىڭ شۇ ئارى بولسا ‹ ئاخىرقى جەڭ 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى ماراكانا ›.ماراكانا تەنتەربىيە مەيدانىدا 7-ئاينىڭ 13-كۈنى بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ .
شۋېتسارىيە كوماندىسىنىڭ شۇئارى ئۇلارنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . بىر قىسىم كوماندىلارنىڭ شۇئارىغا پۇتبول مەستانىلىرى ئاۋاز قوشتى .
مەسىلەن كۇسسارىكا كوماندىسى ‹بىزدىكى قايناق ھېسيات پۇتبولدىن كېلىدۇ ،جاسارەت خەلقتىن ،شان شەرەپ كوسسارىكادىن ›دېگەن شۇئارنى توۋلىدى .
ئەنگلىيە پۇتبول كوماندىسى ‹ پۇتبول كوماندىسىنىڭ غەلىبىسى نەچچە مىليون كىشىنىڭ قەلبىدىن كېلىدۇ ›دېگەن شۇئارنى توۋلىدى .بەزى پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ شۇئارى بەك داغدۇغىلىق كۆرۈنمىسىمۇ ئەمما كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ .مەسلەن چىلىنىڭ شۇئارى ‹ چىلى ،غەيرەت قىل ،.
بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ئاۋسترالىيە كوماندىسىنىڭ شۇئارى كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ ،ئۇلارنىڭ شۇئارى ‹ كېنگۇرۇ بىزنى ئېلىپ سەكرە ›. يەنە بىر قىسىم كوماندىلارنىڭ شۇئارى ئوخشىشىپ كېتىدىغان شۇئار بۇلۇپ ، ئاسانلا ئارىلاشتۇرۇپ قۇيىمىز .
مەسلەن ئارگېنتىنانىڭ شۇئارى بىلەن گېرمانىيىنىڭ شۇئارى ‹ بىز بىر پۇتبول كوماندىسىلا ئەمەس بەلكى بىر دۆلەت ›.
كۇلۇمبيەنىڭ شۇئارى ‹ بىز بىر كوماندىدىن ئەمەس بىر دۆلەتتىن كەلدۇق ›.گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ شۇئارى بولسا ‹بىر دۆلەت بىر پۇتبول كوماندىسى بىر ئارزۇ›.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved