تۈنۈگۈن A پايلار بىر قېتملىق قارا جۈمەنى كۈتىۋالدى، ئاكسىيە پايلىرى تەڭلا موللاق ئاتتى، ئۆي مۈلۈك، بانكا ۋە سۇغۇرتا قاتارلىق چوڭ پايلارمۇ قاتتىق چۈشۈپ كەتتى. ئوقۇم پايلىرى ئومۇميۈزلۈك ھاياتى كۈچىنى يوقاتتى. يېڭىلىق يارىتىش تىپتىكى پاي كۆرسەتكۈچى %6 تىن ئارتۇق چۈشۈپ 2800 لىك ۋە 2700 لىك نۇقتا كەينى-كەينىدىن قولدىن كەتتى. ئىككى بازاردا 300 دىن ئارتۇق پاي %10 چۈشۈپ چۈشۈشتىن توختىدى. ئىككى پاي بازىرىدىكى ئومۇمىي پۈتىشىش سوممىسى 1 تېرلىيون 142 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولدى.
ئاكسىيە پايلىرىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى %9.77 كە يېتىپ، چۈشۈشتىن توختاش چېكىگە قىستاپ كەلدى. ئاممىۋى قاتناش، كۆپ مەنبەلىك پۇل مۇئاملىە، تەبئىي گاز ۋە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش، ئاۋىئاتسىيە قاتارلىق تۈردىكى پايلار %8 تىن ئارتۇق چۈشۈپ كەتتى.
سىتاتىستىكا قىلىنىشچە، شىنجىن ۋە شاڭخەيدىكى ئىككى پاي بازىرىدا 2325 پاي چۈشۈپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 1900 دىن ئارتۇق پاينىڭ چۈشۈش نىسبىتى %5 تىن ئېشىپ كەتكەن، 300 پاي %10 چۈشۈپ چۈشۈشتىن توختىغان.
تۈنۈگۈن بازار يېپىلغاندا شاڭخەي ئۇنىۋېرسال ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3436.30 نۇقتىغا چۈشۈپ، بىر كۈن ئىچىدە 199.25 نۇقتا چۈشكەن، چۈشۈش نىسبىتى %5.48 كە يەتكەن. شىنجىن پاي كۆرسەتكۈچى 11961.7 نۇقتىغا چۈشۈپ، تۈنۈگۈن بىر كۈندە 805.80 نۇقتا چۈشۈپ كەتكەن، چۈشۈش نىسبىتى %6.31 كە يەتكەن. يېڭىلىق يارىتىش تىپتىكى پاي كۆرسەتكۈچى 2649.55 نۇقتىغا چۈشۈپ، تۈنۈگۈن بىر كۈندە 183.65 نۇقتا چۈشكەن، چۈشۈش نىسبىتى %6.48 كە يەتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved