شۇ يەر ۋاقتى 22-ئىيۇل ، ياپۇنىيە دېڭىز ئۈستى مۇداپىئە ئەترىتى تاراتقۇلاردا چىڭ سېن ناھىيەسى مۇتسۇ بەي قولتۇقىدا ئامرېكا دېڭىز ئارمىيسى بىلەن مىنا تازىلاش بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئاشكارلىدى .
شۇ كۈندىكى مانېۋىرنىڭ مەزمۇنى بولسا سۇ مىناسىنى بايقىغاندىن قانداق بىر تەرەپ قىلىش بولدى. مىنا تازىلاش كېمىسى سونار ئارقىلىق دېڭىز ئاستىدىكى تەقلىدى مىنانى بايقىغاندىن كىيىن،مەشىققە قاتناشقان خادىملار تىزگىنەك ئارقىلىق ماشىنا ئادەمنى دېڭىزغا چۈشۈرىدۇ ھەمدە ماشىنا ئادەم ئارقىلىق سۇ مىناسىغا يېقىن دائېرىدە پارتلاتقۇچ ئورۇنلاشتۇرۇپ سۇ مىناسىنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ،ماشىنا ئادەم ئىشلىتىش قولايسىز بولسا غەۋۋاسلار ئارقىلىق پارتلاتقۇچ ئورۇنلاشتۇرىدۇ. مەشىق داۋامىدا ئامرېكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مىنا تازىلىغۇچى تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلىرى ياپۇنىيە دېڭىز ئۈستى مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ «ئۇراگا »ناملىق مىنا تازىلىغۇچى پاراخوتىغا قايتا-قايتا ئۇچۇپ قونغان ۋاقتى بىر سائەتكە سوزۇلدى. بۇ قېتىلىق مانېۋىر 18-ئىيۇل باشلىنىپ 30-ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدىكەن. ياپۇنىيە دېڭىز ئۈستى مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ 18 دانە پاراخۇتى ، 9 ئايرۇپىلان ، ئامرېكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 2 دانە مىنا تازىلىغۇچى پاراخۇتى،3 دانە ئايرۇپىلان ۋە 850 ئادەم بۇ قېتىمىقى مانېۋىرغا قاتنىشىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved