تۈركىيە ‹‹بۈگۈنكى دەۋر›› گېزىتىنىڭ 7-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، تۈركىيە دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتى يەرلىك ساقچىلار بىلەن بىرلىشىپ ، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى مېرسىن دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۈچ بېلىق كېمىسىنى تەكشۈرۈپ ، ئىراق ۋە سۇرىيەدىن كەلگەن 361 نەپەر قانۇنسىز كۆچمەننى تۇتقان .
ئۇلار سۇ يولى ئارقىلىق تۈركىيەدىن ئۆتۈپ ياۋروپاغا بارماقچى بولغانلار ئىكەن . ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئىچىدىكى ئالتە كىشى ئادەم ئېلىپ سېتىشقا ئالاقىدار ئىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved