تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ئامېرىكىنىڭ ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى شىتابىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى شۇ يەر ۋاقتى 8-يانۋاربايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىدىكى ئالتە دۆلەت (ئامېرىكا،ئەنگلىيە، فرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە) بىلەن ئىراننىڭ 18-يانۋار جەنۋەدە ئۆتكۈزمەكچى بولغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىگە مۇۋەققەت دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن دۆلەت كاتىپى شېرمان باشلامچىلىق قىلىدىغانلىقى، 18-يانۋارئىران يادرو مەسىلىسىدىكى 6 دۆلەت بىلەن ئىراننىڭ سۆھبىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئامېرىكاۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 15-يانۋاردىن 17-يانۋارغىچە ئىران بىلەن ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئېيتىلدى.
ئۇنىڭدىن سىرت، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىم ئىران مەسىلىسىدىكى 6دۆلەت بىلەن ئىراننىڭ سۆھبەت مۇددىئاسى دېپلوماتىيە تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئىرانيادرو مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىدىغان ئۇزۇن مەزگىللىك لايىھەنى تۈزۈش ئىكەن.
بۇ ئىران يادرو مەسىلىسىدىكى 6 دۆلەت بىلەن ئىراننىڭ بۇلتۇر 24-نويابىر ئومومىيۈزلۈك كېلىشىمسۆھبىتىنى كەينىگە سۈرۈشنى قارار قىلغاندىن بۇيانقى ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبىتى ھېساپلىنىدۇ.
گېرمانىيە «قىزىق نۇقتا» ژۇرنىلى تورىنىڭ 25-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران يادرو سۆھبىتىنىڭ ۋاقتى يەنە ئۇزارتىلغان. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ سۆھبەتنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئابدۇللا مۇتەللىپ ھۈسەيىننىڭ قارىشىچە، كېلەر يىلى كېلىشىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تېخىمۇ تەسلىشىدىكەن، چۈنكى سۆھبەتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىدىكى شەرت-شارائىتلار بارغانسېرى يامانلاشقان.
1. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكىلەر ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋالدى.
ئوباما ئىران يادرو سۆھبىتىدە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئۇ 1979-يىلىدىكى ئىسلام ئىنقىلابىدىن بۇيانقى ئىران زۇڭتۇڭى بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلەشكەن بىردىنبىر ئامېرىكا زۇڭتۇڭى، شۇنداقلا ئىراننىڭ مەنىۋى داھىيىسى ھامىنىيىغا كۆپ قېتىم خەت يازغان.
ئوباما نۆۋەتتە ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك ئەھۋالغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. كېلەر يىلى يانۋاردا ئېچىلىدىغان يىغىندا ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى كۆپلىگەن ئورۇن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىرانغا يول قويۇشقا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن. شۇ سەۋەبلىك ئىران بىلەن پىكىر بىرلىكىگە كېلىش قىيىنغا توختايدۇ.
2.ھامىنىيى ئامالسىز ئىستېپا بېرىشى مۇمكىن.
ئىراننىڭ مەنىۋى داھىيىسى ھامىنىيى 24-نويابىر سۆھبەتنى كېچىكتۈرۈشكە قارىتا: يادرو مەسىلىسىدە تەكەببۇرلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىراننى بويسۇندۇرماقچى بولدى، لېكىن ئۇلار غەلىبە قازانغىنى يوق، ئۇلارمۇ ھەم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ، دېگەن.
نۆۋەتتە ھامىنىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزمەسلىك مۇمكىنچىلىكى بار. ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ھۈسەيىن: ھامىنىيىنىڭ يېشى چوڭىيىپ قالدى، يېقىندا ئۆسمە ئوپېراتسىيەسى قىلدۇردى، ئۇ بەلكىم ئورنىنى كېيىنكىلەرگە بېرىشنى ئويلىشىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئىز باسارى قاتتىق قوللاردىن بولۇشى مۇمكىن، بىراق ئۇ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، مەسىلە شۇ يەردىكى، ئۇنىڭ ئورنىغا چىققۇچى بۇ تەرەپنى ئويلىيالامدۇ-يوق؟ ئۇنداق بولمىسا، سۆھبەتتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ، دېگەن.
3.روسىيە بىلەن غەرب ئەللىرى ئارىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشۈشى مۇمكىن.
روسىيە بىلەن غەرب ئەللىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۇكرائىنا سەۋەبلىك داۋاملىق يامانلاشسا، بۇ سۆھبەتتىكى كۈچلەر سېلىشتۇرمىسىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
4. رايون كىرىزىسى.
5. ئىسرائىلىيەنىڭ قارشىلىشىشى.
ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ سۆھبەتكە تۇتقان پوزىتىسىيەسىدىن گۇمانلىنىدۇ. ئىسرائىلىيە باشتىن-ئاخىر سۆھبەتكە قارشى تۇرۇپ كەلگەن.
6.سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ توسقۇنلۇقى.
«ۋىككى» تورىدا: سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا ئىلگىرى« بۇ يىلاننىڭ بېشىنى چوقۇم كېسىۋېتىش كېرەك» دېگەن. بۇ پادىشاھ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىرانغا يول قويۇشقا تۈپتىن قارشى تۇرۇپ كەلگەن، دېيىلگەن. ھۈسەيىن يەنە: سەئۇدى ئەرەبىستان بارلىق ئىقتىسادىي كۈچى ئارقىلىق ئىران يادرو سۆھبىتىگە قارشى تۇرۇشى مۇمكىن، دېگەن.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved