12-ئاينىڭ 16-كۈنى ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا كۇلۇبلارنىڭ ئەڭ يېڭى رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدى، بۇ رەت تەرتىپ 2015-يىلى ئېلان قىلىنىدىغان ئەڭ ئاخىرقى تەرتىپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىملىق تىزىملىكتە ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد 1-ئورۇنغا تىزىلغان، يېقىنقى بىر قانچە پەسىل ئىپادىسى ياخشى بولىۋاتقان بارسېلونا بولسا 3-ئورۇنغا تىزىلغان، قىزىل ئالۋاستى قوشۇنى مانچېستىر بىرلەشمىسى 20-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان.
ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا ھەر قايسى كوماندىلارنىڭ يېقىنقى بەش پەسىللىك ياۋروپا مۇسابىقىلىرىدىكى (ئۇزغۇنلۇق ۋە ئىتتىپاق لوڭقىسى قاتارلىق مۇسابىقىلەر) نەتىجىسىنى سىتاستىكا قىلىپ چىققان، ھەر بىر كوماندا ئۇزغۇنلۇق ياكى ئىتتىپاق لوڭقىسىدا بىر مەيدان غەلبە قىلسا ئىككى نومۇرغا، بىر مەيدان تەڭلەشسە بىر نومۇرغا ئېرىشكەن، شاللاش باسقۇچىغا كىرگەن كوماندىلارنىڭ نومۇرى ئېشىپ ماڭغان.
ئاخىرقى نەتىجىدە خانلىق مادرىد 161.057 نومۇر بىلەن 1-ئورۇنغا، بايرىن مىيۇنخىن 152.064 نومۇر بىلەن 2-ئورۇنغا، بارسېلونا 150.057 نومۇر بىلەن 3-ئورۇنغا تىزىلغان، بىراق ئالدىنقى ئۈچ كوماندىنىڭ نومۇر پەرقى ئانچە كۆپ ئەمەس. 4-ئورۇندىن 10-ئورۇنغىچە تىزىلغان كوماندىلار چېلسى، مادرىد رىقابەت، بېنفىكا، پارىژ سانت گېرمان، يۇۋېنتۇس، ئارسىنال ۋە دورتموند قاتارلىق كوماندىلار.
ئالدىنقى 20 گە كىرگەن كوماندىلار:
1. خانلىق مادرىد 161.057 نومۇر
2. بايرىن مىيۇنخىن 152.064 نومۇر
3. بارسېلونا 150.057 نومۇر
4. چېلسى 135.531 نومۇر
5. مادرىد رىقابەت 132.057 نومۇر
6. بېنفىكا 110.216 نومۇر
7. پارىژ سانت گېرمان 106.249 نومۇر
8. يۇۋېنتۇس 105.854 نومۇر
9. ئارسىنال 104.531 نومۇر
10. دورتموند 99.064 نومۇر
11. شارك 94.064 نومۇر
12. زېنت 93.176 نومۇر
13. پورتو 92.216 نومۇر
14. مانچېستىر شەھرى 89.531 نومۇر
15. ۋالۇنسىيا 89.057 نومۇر
16. ناپولى 88.854 نومۇر
17. بارسېل 84.595 نومۇر
18. لېۋېركۇسېن 83.064 نومۇر
19. سېۋىللا 78.557 نومۇر
20. مانچېستىر بىرلەشمىسى 78.531 نومۇر
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved