ئاۋستىرالىيەدىكى كۇپىر ئىسىملىك بىر ئانا قەدىمقى تاش قورال دەۋرىدىكى غىزالىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق 13 ئايلىق بولغان قىزى گىرىسقا تاماق بەرگەن. كۇپىرنىڭ ئېيتىشىچە بۇ خىل غىزالىنىش ئۇسۇلى بالىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغان. كۇكۇس مېيىدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، ئوتتا قاقلانغان قىزىلچا، سەۋزە ۋە بەرەنگە، ھوردا پىشۇرۇلغان چىچەك سەي، تۆتتەن بىر قىسىم پېرسېيە ۋە بىر قوشۇق گېرمانىيە چىلىغان سېيى. ئالىي دەرىجىلىك ئاشخانىنىڭ تاماق تىزىملىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ تاماق تىزىملىكى دەل ئەمدىلا 13 ئايلىق بولغان گىرىسنىڭ ئەتىگەنلىك ناشتىلىقى ئىكەن.
تاش قورال دەۋرىدىكى غىزالىنىش ئۇسۇلى دېگىنى دانلىق زىرائەتلەرنى ئىستېمال قىلماستىن بەلكى تاش قورال دەۋرىدە ئىزدەپ تېپىپ يىگىلى بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى يەنى گۆش، بېلىق، تۇخۇم، مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى يېيىش ئۇسۇلى ئىكەن. كۇپىرنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر چەت ئەلدە بۇ خىل غىزالىنىش مودا بولغان بولۇپ، بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. كىچىك گىرىس تۇغۇلۇپ ھازىرغا قەدەر ئاساسەن ئاغىرىپ باقمىغان ئىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved