ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش ھالقىلىق مەسىلىلەر روشەنكى ئامېرىكىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نىشانى ئەمەس. چىرايلىق پەدەز سۆزلىرىنىڭ ئارقىسىغا تىپىك شەخسىي غەرەز يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئامېرىكا كۆككە كۆتۈرگەن خەلقئارا ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.
ئافغانىستان كۆڭۈلدىكىدەك جاي ئەمەس، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاننى كۆڭۈلدىكىدەك جايغا ئايلاندۇرۇش مەسئۇلىيىتى يوق. يېقىندا ئامېرىكا زوڭتۇڭىنىڭ ئوباما سىرتقا ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئارمىيىنى چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلىنى جاكارلىغاندىكى ئامالسىزلىقى ۋاشىنگتوننىڭ مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇرۇش قوزغىغاندىكى كۈچلۈك ھالىتى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولدى. مەيلى ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكىدىكى كەمچىلىكلەر ، ئىقتىسادىنىڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى، جەمئىيىتىنىڭ مۇقىمسىزلىق ئەھۋالى بولسۇن ياكى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى خەلق رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىكى كەڭ دەرىجىدە قارشى تۇرۇش بولسۇن ھەممىسىدە ۋاشىنگتون ئافغانىستاندىن چىن كۆڭلىدىن ۋەدە بەرگەن شەرەپ ۋە ئارزۇنى تاپالمىدى.
ئوباما ھۆكۈمىتى ھازىر ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، ئەگەر ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرمىسە، ئىلگىرىكى ۋەدىسىنى بۇزغان بولىدۇ. شۇڭا قوشۇن چېكىندۈرۈش يولىنى تاللىدى ، بۇ بىر مەيدان ئۇرۇشتا مەغلۇب بولغانلىقىنى قوبۇل قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قىسىمدىن چېكىنگەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە لېيتېنانت گېنېرالى داۋىد بانۇ ئۇزۇن مەزگىل سوزۇلغان بۇ قانلىق ئۇرۇشتىن ئازابقا تولغان قەبرە تەزكىرىسى بارغانسېرى كۆپىيىشى مۇمكىن دېدى.
ئوباما ئېلان قىلغان قوشۇن چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلىنى ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيە ساھەسى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى. تۈرلۈك قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى مەككائىن بىلەن باشقا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئىككى ئەزاسى بىرلىشىپ بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا زوڭتۇڭى ئوبامانىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چىقارغان قارارى ئىنتايىن خاتا. سىياسىي ئامىل ئىستراتېگىيىلىك پىلاندىن غالىب كېلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن زوڭتۇڭى چېنى مۇنداق دېدى: ئوبامانىڭ قوشۇن چېكىندۈرۈش پىلانى دۇنياغا ئامېرىكىنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن زوڭتۇڭىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى جۇلى سىمىس مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ قارارى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەرنى قىيىن تاللاشقا يولۇقتۇرىدۇ. ئوبامانىڭ غەربىي نۇقتا ھەربىي مەكتەپتە قىلغان نۇتۇقىدا ئۆزىنى ئاقلاش تۈسى بار. ئامېرىكىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا ئامېرىكا زۆرۈر بولغان ھەربىي ۋاسىتىنى تاللايدۇ. يەر شارى خاراكتېرلىق تەھدىتكە يولۇققاندا ئامېرىكا ئۆز ئالدىغا ئىش قىلماسلىقى كېرەك. بەلكى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە ھەمكارلىق شېرىكلىرىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ بىرلىكتە ھەرىكەت قوللىنىپ، دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ياكى كۆپ تەرەپلىك ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشى كېرەك.
پارتىيە گۇرۇھلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش،ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى شۆھرىتى، ئىتتىپاقداشلىق سىستېمىسىنى ساقلاشتىن ئىبارەت تۈرلۈك ئامىللار يىغىلىپ، بۇ بىر مەيدان مۇنازىرىنى سۇسلاشتۇردى. بىراق بۇ بىر مەيدان قوشۇن چېكىندۈرۈشتىن كېلىپ چىققان مۇنازىرىدە ئافغانىستان ئۇنتۇلۇپ قىلىنغان ئىدى. ئافغانىستان كۆپ مىللەتلەر ئارىسىدا قانداق قىلىپ ئىتتىپاقلىقنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ؟ پارچىلىنىشنى قانداق قىلىپ تىزگىنلىيەلەيدۇ؟ئافغانىستان ئارمىيە ساقچىلىرىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى قانداق قىلىپ ئالغا سىلجىتالايدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىغا تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ؟ خەلقئارا ياردەم بۇنىڭدا قانداق رول ئوينايدۇ؟ بۇ ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش ھالقىلىق مەسىلىلەر روشەنكى ئامېرىكىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نىشانى ئەمەس.
ئامېرىكا ئافغانىستان مەسىلىسىدە رېئاللىق تۇيغۇسىنى ھەقىقەتەن كۆپ گەۋدىلەندۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ چەكلىكلىكى ۋە دۆلەت ئىچى خەلق رايى ئاساس قىلىنغان. ھەرگىزمۇ بۇ ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە ئاساسىنى ئۆزگەرتكەنلىك ئەمەس. ئامېرىكا گۆشخور ھايۋاندىن ئوتخور ھايۋانغا ئۆزگەرمەيدۇ. ئامېرىكا كۈچلۈك ھوقۇقلۇق سىياسىيغا ئىگە بولغان دەسلەپكى بىلىمگە ئېھتىياجلىق.
ئافغانىستاننىڭ ھازىرقى مەسىلىسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئۇرۇش پاتقىقىدىن قۇتۇلۇشتا ئۇرۇش قوزغىغان دەسلەپكى مەزگىلدىكىگە ئوخشاش چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كەم بولماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved