جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
كورىيە ھەربىي تەرەپنىڭ ئالاقىدار ئەربابلىرى 30-ئاۋغۇست، كورىيە ئارمىيەسى بىلەن چاۋشيەن ئارمىيەسىنىڭ ھوشيارلىق ھالىتىنى ئادەتتىكى سەۋىيەگە كەلتۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننىڭ كورىيەگە مىنا ۋە توپقا تۇتۇش ئىغۋاگەرچىلىكىنى قوزغىغاندا پۈتكۈل ئارمىيەگە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ھۇشيار تۇرۇش بۇيرۇقى چىقارغان، ھەمدە ئالىي مۇداپىئە بۇيرۇقىنى ئېلان قىلغان. نۆۋەتتە، ئالاقىدار ھۇشيار تۇرۇش بۇيرۇقلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ھوشيارلىق دەرىجىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئادەتتىكى سەۋىيەگە كەلتۈرۈلدى. ئۇندىن باشقا ئالاقىدار ئەربابلارنىڭ تونۇشتۇرىشىچە: كورىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، چاۋشيەن 14-ئاۋغۇستتىن 28-ئاۋغۇستقىچە ئالاھىدە ھوشيار تۇرۇش مەزگىلىنى بېكىتىدىكەن، نۆۋەتتە ئالاھىدە ھوشيار تۇرۇش مەزگىلى ئاخىرلاشقان چاۋشيەن ئارمىيەسىمۇ ئادەتتىكى ھوشيارلىق سەۋىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved