دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىدە ئۆچمەس شانلىق نەتىجىلەرنى قالدۇرغان10-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيگەن ماھېرلار ھەقىقەتەن ئازئەمەس.يېقىندا خەلىقئارا پۇتبولچېلار بېرلەشمىسى مۇشۇلار ئىچىدىن ئەڭ داڭلىق11نەپەر10-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدېغان چولپاننى باھالاپ چىقتى. توپ شاھى پېلى›مارادونا›زىدانې›پۇلادىنى قاتارلىق ئەپسانىۋى گىگانىت چولپانلار بۇ تىزىملىككە كىردى.ھازىر پۇتبول مەيدانىدا توپ تېپىۋاتقان10-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدىغان چولپانلاردىن مېسسى لا بۇ تىزىملىككە كىردى. تۆۋەندە بۇ11نەچەر چولپاننى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن:
1-كېنپېس(ئارگېنتىنا).بۇ ئىسىم ھەقىقەتەن بىزگە بىرئاز ناتونۇش لىكىن ئۇنىڭ جاسارېتى خۇددى پامپاس يايلىقىدىكى دەھشەتلىك بوراندەك كۈچلۈك ئىدى.1978-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا ئارگېنتىنا چىمپىيون بولدى بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە كېنپېس ئارگېنتىنانىڭ چىمپىيۇن بولىشىدكى ئاساسلىق تۆھپىكار ئىدى.ئۇنىڭ گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن ھالقىلىق ئىككى توپى ئارگېنتىنانىڭ چىمپىيۇن بولىشىغا ياردەم قىلدى.كېنپېس مۇشۇ ياخشى ئىپادىسى بىلەن شۇنۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى ئالتۇن ئاياق مۇكاپاتى ۋە ئالتۇن توپ مۇكاپاتېغا ئېرىشكەن.
2-خاجى(رومىنىيە). ئۇ كەسپى ھۇجۇمچى ئەمەس.لىكىن ئۇنىڭ توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى شۇ دەۋېردىكى ھەرقانداق بىر داڭلىق ھۇجۇمچىدىن قېلىشمايتتى.كۇلۇب ھاياتىدىكى مۇسابىقىدە ئۇ550مەيدان مۇسابىقىدە269توپ كېرگۈزگەن.دۆلەت كوماندىسىدا بولسا125مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ35توپ كىرگۈزگەن.خاجى رومىنىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ توپ چولپىنى ھېسابلىنىدۇ.خاجى بارسېلونا كوماندىسىدىكى چاغدا 10-نۇمۇرلۇق كىيىمنى كىيگەن.
3-روبېرت.باگگىئو(ئىتالىيە).1994-يىلى باگگىئو ئۆزقابىلىيىتى بىلەن ئىتالىيە كوماندىسىنى يېتەكلەپ كوماندىنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا باشلاپ كىردى.ئەپسۇس چىكىت توپ جېڭىدە ئۇ تەپكەن چىكىت توپ ۋاراتارغا كىرمەي ئىتالىيە كوماندىسى ئۆزدۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى بولۇش شەرپىگە ئېرىشەلمەي قالدى.ئەشۇ ۋاقىتتى باگگىئو پۈتۈن دۇنيا توپ مەستانىللىرىغا ئۆزىنىڭ ۋاراتار ئالدىدىكى ئۇزۇن سۈكۈتتە تۇرغان ھالىتىنى خاتېرە قىلىپ قالدۇردى.نىمىلام بولمىسۇن روبېرت.باگگىئو ئىتالىيە تارېخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ10-نۇمۇر بولۇشقا مۇناسىپ.
4-ماتېۋۇس(گېرمانىيە). گېرمانىيەدىن ئەزەلدىن گىگانىت چولپان ئۈزۈلۈپ قالغان ئەمەس،بېككىنبور›رومېنىك›تىن كىيىن گېرمانىيە يەنە بىر گىگانىت چولپان دەۋرېنى كۈتۈۋالدى ئۇ بولسىمۇ ماتېۋۇس.بۇگېرمانىيىلىك10-نۇمۇر كۆپ تەرەپتىن يىتىشكەن بولۇپ.ئوتتۇرا مەيدان.بېك قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىدە ئىپادىسىنى ناھايىتى قالتىس جارى قىلدۇرالايتتى.1990-يىلى ماتېۋۇس گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرشېگە چوڭ تۆھپە قوشقان.
5-لېئونىل.مېسسى(ئارگېنتىنا). ئۇدا4نۆۋەت ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىش. تارىختىن بۇيان ھېچكىشى قىلىپ باقمىغان ئىشنى مېسسى قىلالىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئەمدېلا26ياشقا كىرگەن مېسسى نىڭ بۇندىن كىيىن ماڭىدىغان مۇساپىسى تېخى ئۇزۇن،مېسسى رېكورت بۇزۇش ئۈچۈن يارالغان.مېسسى ھەقىقى بىر توپ شاھى بولۇش ئېھتىمالى بار توپچى ھازېر ئۇ كىيىنكىلەر بۇزۇشى قىيىن بولغان نۇرغۇن رېكورتلارنى ياراتتى. ئەلۋەتتە مېسسى مۇ شۇداڭلىق10-نۇمۇرلۇق كىيىمنى كىيىدۇ.
6-رىۋېرىنو(بېرازىلىيە). بۇ ئىسىممۇ بىزگە ناتونۇش. لىكىن بۇ كىلاسسىك تارىخنى رىۋېرىنو ئۆزى ياراتقان. ئۇنىڭ ناھايىتى مۇستەھكەم بىر سول پۇتى بار،1970-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا ئۇ بىرازىلىيىنىڭ سول تەرەپ ھۇجۇمچىسى بولغان. بىرازىلىيە كوماندىسى بۇنۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا3-قېتىم كۈچتۈڭگۈرلەر لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى.رىۋېرىنو بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشقۇچىدۇر.
7-پۇلادىنى(فىرانسىيە). فىرانسىيە دەل مۇشۇ پۇلادىنى بولغانلىقى ئۈچۈنلادۇنيا پۇتبول مۇنبېرىدە قايتا چاقنىشىغا سەۋەپچى بولغان. بۇ ئوتتۇرا مەيدان توپچى80-يىللاردا ئەڭ قالتىس ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ھېسابلىناتتى.ئۇ ئۇدا ئۈچ نۆۋەت ئالتۇن توپ مۇكاپاتېغا ئېرىشكەن بولۇپ بۇ رېكورت ئالدىنقى يىلى مېسسى تەرىپىدىن بۇزۇپ تاشلاندى.پۇلادىنى يەنە ياۋروپا قىتئەسى لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئاڭ مۇنەۋەر مەرگىنى ۋە ئەڭ مۇنەۋەر ماھىرى بولۇپ باھالانغان.بۇ ئۇتۇقلار پۇلادىنى نىڭ فىرانسىيەنىڭ كىيىكىلەر ئېشىپ كېتىش تەس بولغان10-نۇمۇرلۇق چولپىنىدۇر.ئۇ ھازېرقى ياۋروپا پۇتبولچىلار جەمئىيتىنىڭ رەئىسى.
8-پۇسكاش(ۋېنگىرىيە). ئۈچ قېتىملىق ياۋروپا چىمپىيونى.5قېتىملىق ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى چىمپىيۇنى بۇنىڭ ھەممىسى پۇسكاش نىڭ ئۇلۇغ بىر توپچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.31يېشىدا خان جەمەتى مادرېد كۇلۇبىغا قوشۇلىشى ھەمدە كوماندىنىڭ سان-ساناقسىز ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشى ئۇنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرېلالمايدۇ. پۇسكاش بىلەن دې سىتىفانو دىن تەشكىللەنگەن ھۇجۇم سېپى ئەينى چاغدا ئىسپانىيەنى شۇنداقلا پۈتكۈل ياۋروپانى بويسۇندۇرغان ئىدى.
9-زېدانى(فىرانسىيە). فېرانسىيە پۇتبول تارىخىدىكى يەنە بىر گىگانىت چولپان زېدانى بولسا،دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى.ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى.دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيونى.ياۋروپا قىتئەسى لوڭقىسى.ياۋروپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى... زېدانى بىر پۇتبولچى كەسپى ھاياتېدا ئېرىشەلەيدېغان بارلىق شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن ئىدى. 2006-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدا زېدانى يىشىل چىملىقتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كۆرۈنۈشنى قالدۇرۇپ كەتتى ئۇ بولسىمۇ زېدانى ماتراززى نى كاللىسى بىلەن ئۈسۈپ يىقىتىپ قىزىل كارتا جازاسېغا ئۇچراپ مەيداندىن چىقىرىۋېتىلدى. ناھايىتى ئەپسۇس شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا فىرانسىيە ئاخىرېدا چىكىت توپ جېېڭىدە ئىتالىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ چىمپىيۇن بولۇشتىن مەھرۇم قالدى.
10-مارادونا(ئارگېنتىنا). بۇ ئىسىم نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە تونۇش بولسا كېرەك، ھەتتا ئۇنىڭ چېرايىنى كۆرۈپ باقمىغان كىشىلەرمۇ ئۇ توغرېسىدا نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىدۇ.مۇشۇنىڭ ئۆزىلا مارادونانىڭ دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدە قانچىلىك ئورنى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىشكە يېتىپ ئاشىدۇ. مارادونا ھەقىقەتەن پۈتۈن دۇنيا ئېتراپ قىلغان توپ شاھى. ئۇ ئارگېنتىنا كوماندىسىنى يېتەكلەپ پۈتۈن دۇنيانى بويسۇندۇرغان ئىدى. مارادونا يەنە ياۋروپادىمۇ ئۆز تالانتىنى جارې قىلدۇرغان بولۇپ شۇ دەۋېردە ياۋروپادىمۇ مارادونا قىزغىنلىقىنى قوزغىغان ئىدى.مارادونانىڭ توپ تەپكەن ۋاقىتلىرى ھازىرقى دەۋېرگە ئەڭ يېقىن بولغاچقا كىشىلەر ئۇنى بارلىق سىناقلاردىن ئۆتكەن ھەقىقى پۇتبول شاھى دەپ قارايدۇ.
11-پېلې(بىرازىلىيە). ئۇ پۈتكۈل كەسپى ھاياتېدا1281توپ كىرگۈزگەن.بۇ پۈتۈن پۇتبول سەھنىسىدە ئىز بولۇپ قالغان رېكورت. پېلې10-نۇمۇرلۇق كىيىمنىڭ رېۋايىتىنى يېزىپ قالدۇرغان تۇنجى پۇتبول چولپىنىدۇر.بىرازىلىيە پۇتبول سەھنىسىنى ۋاراقلايدېغان بولساق كىشىلەر ھەمىشە پېلى نىلا تىلغا ئېلىشىدۇ. چۈنكى ئۇ بىرازىلىيىنىڭ10-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيگەن ماھېرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ قالتىس ۋە بىردىنبىر چولپاندۇر. مەيلى قانداق جەھەتتىن تارىخىتىكى ئەڭ قالتىس توپ چولپىنى باھالاپ چىقىلسۇن پېلې ھەمىشە بىرىچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇپۇتبول تارىخى يېزىپ ساقلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ بىر توپچىدۇر.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved