ئۈرۈمچى شەھىرى مېترو 1 - لىنىيەسىنىڭ شەھەر شىمالىي بۆلىكى كېلەر يىلنىڭ بېشىدا تۇتاشتۇرۇلىدۇ

جاۋ چۈنخۇانىڭ 16 - ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىس قاتنىشىنى ئاممىغا ئېچىۋېتىش كۈنىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر مېترو 1 - لىنىيەسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى مۇقىم، تەرتىپلىك ئىشلىنىۋېتىپتۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەر شىمالىي بۆلىكىنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتى تېز بولۇپ، تۆمۈر يول ئىدارىسى بېكىتىدىن تەنتەربىيە مەركىزى بېكىتىگىچە بولغان ئارىلىق قوش لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلغان، سۇساي بېكىتى، جۇڭيىڭگوڭ بېكىتى، كىچىك ساي بېكىتى قاتارلىق بېكەتلەرنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بۇ يىل تاماملىنىدىكەن، تۆمۈر يول ئىدارىسى بېكىتى مېتروغا ئالمىشىدىغان بېكەت بولىدىكەن؛ شەھەر جەنۇبىي بۆلىكىدە ئۈچتاش بېكىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى پۈتۈپ بولغاندىن باشقا، بېكەت، يەر ئاستى رايون ئارا بېكىتى قاتارلىقلارنىڭ قۇرۇلۇشى پىلان بويىچە پۇختا قىلىنىۋېتىپتۇ.
ئىگىلىنىشىچە، مېترو 1 - لىنىيەسىدىكى 65 ئىش نۇقتىسىنىڭ 42ىسىدە ئىش باشلانغان بولۇپ، پۈتۈن لىنىيەدىكى 65 ئىش نۇقتىسىنىڭ %65 ىنى ئىگىلەيدىكەن. تەشمىنىڭ دەسلەپكى تارمىقىدىن 6.5 كىلومېتىر تاماملانغان (يەككە يول، يەككە لىنىيە). ھازىرغا قەدەر بۇ تۈرگە جەمئىي 2 مىليارد 71 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان.
بۈگۈن مەن رېلىس قاتنىشى 1 - لىنىيەسىدىكى سۇساي بېكىتىدە، چوڭقۇرلۇقى 17 مېتىر، كەڭلىكى 21 مېتىر، ئۇزۇنلىقى 228 مېتىر كېلىدىغان تەگلىكتە بېتون قويۇلۇپ بولۇنغانلىقىنى كۆردۈم. 2 - بۆلەكنىڭ تاش تورۇس قۇرۇلۇشى تاماملانغان بولۇپ، قېلىپ قۇيۇش، پولات چىۋىق باغلاش قاتارلىق ئىش تەرتىپلىرى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، بېتون قۇيۇشقا چۈشىدىكەن.
مېترو 1 - لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 27.6 كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن لىنىيەدە جەمئىي 21 بېكەت (يەتتە ئالمىشىدىغان بېكەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تەسىس قىلىنغان. شەھەر شىمالىي بۆلىكىدە 14 بېكەت، شەھەر جەنۇبىي بۆلىكىدە يەتتە بېكەت بولۇپ، بېكەت ئارىلىقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.3 كىلومېتىر كېلىدۇ، يەككە مۇساپىنى تاماملاشقان 40 مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ.
قۇرۇلۇش پىلانى بويىچە، مېترو 1 - لىنىيەسى 2018 - يىلى 6 - ئايدا پۈتۈپ، شۇ يىلى 12 - ئايدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە رېلىس تۇتاشتۇرۇلىدىكەن، 2019 - يىلى 9 - ئايدا سىستېمىنى تۇتاشتۇرۇش ۋە يەككە سىستېمىنى سىناق قىلىش تاماملىنىدىكەن، 12 - ئايدا پۈتۈن لىنىيەدە سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلىنىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
17-07-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئۆتكەن يىلى ئېلىمىز تۆمۈر يول تىرانسپورتىدا توشۇلغان يولۇچى 2 مىليارد 500 مىليون ئادەم قېتىمغا، يۈك 3 مىليارد 360 مىليون توننىغا يېتىپ، ئورۇندالغان تىرانسپورت خىزمىتى م...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:     تاڭزۇڭزا چاغانلىق دەم ئېلىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى مەنزىرە رايونلىرى ئاۋاتلاشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 27- ماي ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىن قالغان بىر كونا ئايروپىلان نيۇيورك بىلەن يېڭى جېرسىي شىتاتى ئارىسىدىكى خادىسۇن دەرياسىغا چۈش...
27-05-2016
     تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بېكىتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا سىناق ئىشلىتىشكە كىرىشىدىكەن. ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بېكىتى شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ئۇنىۋېرسال قاتن...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     يېقىندا ئېچىلغان 19- قېتىملىق جۇڭگو بېيجىڭ پەن-تېخنىكا يەرمەنكىسىدە «ئاپتوبۇس مېتىرو» دەپ ئاتىلىدىغان جۇڭگو ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساپ چى...
27-05-2016
   يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
27-05-2016
ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا نىسسان ئورگان تەرەپ NV300 نىڭ تەشۋىقات سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، يېڭى ماشىنىنىڭ ئورۇن بەلگىلىنىشى ھازىرقى NV200 دىن سەل يۇقىرى بولىدۇ ھەمدە رىنائۇلى...
27-05-2016
تىنچ ئوكيان ئاپتوموبىل تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ شاڭخەي ۋولكسۋاگېندىن ئىگەللىشىچە، سانتانا  Cross نۇسخىسى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېچىلىدىغان تەييۈەن ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە تۇنجى ئېلان ...
27-05-2016
بۈگۈنكى باش تېما تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا تاراتقۇلار ئەڭ يېڭى جىلى SUV تىپى NL-4 نىڭ ئاشكارىلانغان نىقابسىز سۈرىتىگە ئېرىشتى. بۇ ماشىنىدا جىلىنىڭ ئەڭ يېڭى لايىھە تىلى قوللىنىلغان، جىلىنىڭ يېڭى لوگ...
27-05-2016
    ھىندىستان دۇنيا بويىچە ئىككىنچى نوپۇسى كۆپ دۆلەت بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن پەرقلەنمەيدۇ، باي-نامراتلىق پەرقى بەك چوڭ. ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل شىركىتى - تاتا گۇرۇھى نامراتلارغا ياردەم بېرىپ ئۇلارنىڭ خۇسۇسى...
Powered by Leglek