2015-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 10 غا يېقىن ئاتا-ئانىلار گۇاڭجۇ شەھىرى فاڭسۇن كەنتى گۇاڭجۇ بوۋېن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا يىغىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەزكۇر باشلانغۇچ مەكتەپ 2-يىللىق 5-سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىدى. ئۇلارنىڭ كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇپ، بالىلىرىنىڭ تاياق يېگەن قىسمىنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ:«مەن ھەتتا ئۆزۈمنىڭ بالىسىنى ئۇرۇشقا چىدىمايمەن، بۇ ئوقۇتقۇچى نېمىدىگەن شەپقەتسىز» دېيشىۋاتاتتى.
1-چىسلا كەچتە كې كېنىڭ ئاپىسى قىزىنىڭ دۈمبىسىدىكى تاياق ئىزىنى كۆرۈپ قىزىدىن ئەھۋالنى سۈرۈشتە قىلغان. كې كې تەسلىكتە چۈشلۈك ئارام ۋاقتىدا ساۋاقداشلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا قوشنا سىنىپتىكى ئەر ئوقۇتقۇچىنىڭ سىنىپقا كىرىپ ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلىپ كەتتىڭلار دەپ سۈپۈرگىنى ئېلىپ 10 نەچچە ئوقۇغۇچىنى ئۇرغانلىقىنى ئېيتقان.
خۇاڭ خانىمنىڭ ئوغلىنىڭ دېيىشىچە بۇ ئۇلارنىڭ يەن مۇئەللىم تەرىپىدىن بىرىنچى قېتىم تاياق يېيىشى ئەمەس ئىكەن، يەن مۇئەللىم ئۇنىڭ ئارقا مېڭىسىگە قاتتىق ئۇرۇۋەتكەن بولۇپ، دۈمبىسىدىمۇ تاياق ئىزلىرى بار ئىكەن. «مۇئەللىم بىزنىڭ يىغلىشىمىزغا رۇخسەت قىلمايدۇ، يىغلىساق داۋاملىق ئۇرىدۇ». بالىلارنىڭ دېيشىچە، يىغلىغان بىر نەپەر ئوقۇغۇچى يەن مۇئەللىم تەرىپىدىن ئىككى شاپىلاق يېگەنىكەن.
2-چىسلا چۈشتىن بۇرۇن ئاتا-ئانىلار مەكتەپكە ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغىلى كەلگەن بولۇپ، بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ئەتىگەن سائەت 8، دەرس ۋاقتى بولۇپ، ئاتا-ئانىلار مەيداندا ئون نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ پاكار تامنى چۆرىدەپ ئىككى قولىدا تاپشۇرۇق دەپتىرىنى تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ رەسىمگە تارتىۋالغان. ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ئىككى پارچە قىلىپ سۇندۇرۇلغان سۈپۈرگە كالتىكىنى ئىسپات ئورنىدا ئېلىپ كەتكەن.
ئاتا-ئانىلارنىڭ دېيشىچە، ئۇلار يەن مۇئەللىمنى قىلچە تونۇمايدىكەن. مەكتەپتىكىلەرنىڭ دېيىشىچە، يەن مۇئەللىم مەكتەپتە ئۇچۇر تېخنىكىسى دەرسى ئۆتىدىغان بولۇپ، 2-يىللىق 5-سىنىپقا دەرس بەرمەيدىكەن. ئادەتتە يەنە مەكتەپ ئاپتوموبىلى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى توسۇشقا مەسئۇل ئىكەن. يېرىم كېچە سائەت 12 بولغاندا، يەن مۇئەللىم كې كېنىڭ ئاپىسى بىلەن يەنە بىر ئائىلە باشلىقىغا كەچۈرۈم سوراپ ئۇچۇر يازغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved