جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسىنىڭ 16-ئىيۇل جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يۇھاننىسبۇرگ شەھىرىدە جەنۇبىي ئافرىقىدا يەرلىكلەشكەن تاراتقۇلار قۇرۇلۇشىنى قوزغىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى : جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى 16-ئىيۇل جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يۇھاننىسبۇرگ شەھىرىدە ‹‹ يەرلىكلەشكەن تاراتقۇلار قۇرۇلۇشى ›› نى قوزغىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسىنىڭ چەت ئەلدە قۇرغان 100-تارماق ئىستانسىسىنىڭ يۇھاننىسبۇرگ ئوتتۇرا دولقۇن ئىستانسىسىدا رەسمىي ئاڭلىتىش باشلىغانلىقىنى ، خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئىنگلىزچە جۇڭخۇا تورى جەنۇبىي ئافرىقىدا قوزغىتىلغانلىقىنى ، ‹‹ جۇڭگو سەييارە سودىگەرلەر ›› ئىنگلىزچە قوش ئايلىق ژۇرنىلى جەنۇبىي ئافرىقىدا تارقىتىلغانلىقىنى جاكارلىدى . دۆلەتلىك ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نيې جېنشى ، جۇڭگونىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تيەن شۆجۈن ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى ، قوشۇمچە جەنۇبىي ئافرىقا-جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەيد مالوكا، خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى رېن جيەن ، شۇنداقلا جەنۇبىي ئافرىقا ئاخبارات ساھەسىدىكى ۋەكىللەر، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە شۇ يەردىكى جۇڭگولۇقلار، جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ۋەكىللىرى مۇراسىمغا قاتناشتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved