يەمەن ۋەزىيىتى يامانلىشىپ، ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىنى يوقۇتۇپ قويدى

يېقىندا يەمەن ۋەزىيىتى يامانلىشىپ، ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىنى يوقۇتۇپ قويدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن پارس قولتۇقى رايونىدىكى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتى يەمەن كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلدى.


يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان، يەمەننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ئويلىشىپ، ئامېرىكا، فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر يەمەندە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ خىزمىتىنى ۋاقتىنچە ئارقا ئارقىدىن توختاتتى، ھەمدە دىپلوماتلىرىنى چېكىندۈردى. خۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەتنى قولغا ئىلىشتەك ھەرىكىتى يەمەن ۋەزىيىتىنى يامانلاشتۇرۇۋەتتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، پارس قولتۇقىدىكى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتى قاتارلىق تەشكىلاتلار يەمەندىكى ھەر قايسى پارتىيەلەرنى شىئە مەزھىپىدىكى خۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، سىياسىي مۇساپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلدى.


كىشىلەر شىئە مەزھىپىدىكى خۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى زادى قانداق تەشكىلات ؟، ئۇنىڭ بازا تەشكىلاتى ئەرەب يېرىم ئارال شۆبىسى بىلەن ئالاقىسى بارمۇ يوقمۇ؟، يەمەندىكى قالايمىقانچىلىق ۋەزىيىتى ئۇزاق مۇددەت داۋاملىشامدۇ يوق ؟، دەپ سۆرىشى مۇمكىن.


خۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى بىر ھەربىي قوماندان ھەسەن خۇسەينىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان تەشكىلات بولۇپ، يەمەننىڭ شىمالىدىكى سادا ئۆلكىسىدە قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى شىئە مەزھىپىدىكى خەلق ئەسكەرلىرىدىن تەركىب تاپقان، 2003- يىلى،ئامېرىكا ئىراققا ھۇجۇم قىلغاندا خۇسەي قوراللىق كۈچلىرى يەمەن ھۆكۈمىتىدىن ئەينى ۋاقىتتىكى سادام ھاكىمىيتىنى قوللاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. 2004 -يىلى ھەسەن خۇسەي خەلقنى ئەينى ۋاقىتتىكى سالىخ ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىرغان ئىدى، كېيىن ئۇ ئۇرۇشتا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان، ئۇندىن كىيىن بۇ تەشكىلات بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى يەمەننىڭ شىمالىي قىسىمىدا كۆپ يىل كەسكىن ئۇرۇش قىلغان. نۆۋەتتە بۇ تەشكىلاتقا ھەسەن خۇسەينىڭ ئىنىسى ئابدۇل، مالىك خۇسەي رەھبەرلىك قىلماقتا.


2011-يىلى يەمەندە قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ ھاكىمىيەت ئالمىشىپ، ھازىرقى ھاكىمىيەت بىلەن سابىق ھاكىمىيەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرسىدىكى سۈركۈلۈش توختىمىغانلىقتىن، ھاكىمىيەت ئاجىزلاپ، ئارمىيە پارچىلاندى، خۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ كۈچ دائىرىسىنى پايتەختىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغىچە كېڭەيتتى. يەمەن ھۆكۈمەت تەرەپ خۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ 20 مىڭدىن 30 مىڭغىچە قوراللىق خادىمى بار دەپ ھېسابلىدى. بىراق بۇ تەشكىلات ئۆزىنىڭ 100 مىڭدىن كۆپرەك ئادىمىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.


2009-يىلى، يەمەن بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى بازا تەشكىلاتىنىڭ شۆبىسى بىرلىشىپ بازا تەشكىلاتى ئەرەب يېرىم ئارال شۆبىسىنى قۇرۇپ، سۈننى مەزھىپىدىكى قوراللىق خادىملارنى ئاساس قىلىپ، يەمەننىڭ جەنۇبىي قىسىمىدا ئۇزاقتىن بۇيان ھەرىكەت قىلىپ كەلدى، ھەمدە شۇ يەردىكى سۈننى مەزھىپىدىكى قەبىلىلەر بىلەن ئاستا ئاستا بىرىكىپ، يەمەن ھۆكۈمىتى ، ئارمىيەسى ۋە چەتئەل پۇقرالىرى ھەمدە ئەلچىخانىلارغا ھۇجۇم قوزغىدى. بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا فىرانسىيەدە چىقىدىغان چارلى ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ باش ئورگىنى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 12 كىشى قازا قىلدى. ئارقىدىن بازا تەشكىلات ئەرەب يېرىم ئارال شۆبىسى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرى بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنى ئۆزلىرى پىلانلىغانلىقىنى ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى جاكارلىدى.

 

يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىراننى خۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئىلىشنى قوللاپ، رايون ۋەزىيىتىگە تەھىدىت پەيدا قىلدى دەپ ئەيىبلەپ كەلدى، بىراق ئىران خۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنى قوللىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. خۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى بىلەن بازا تەشكىلاتى ئەرەب يېرىم ئارال شۆبىسىنىڭ پۈتكۈل يەمەننى كونترول قىلىشتەك قارا نىيىتى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ يەمەننىڭ جەنۇبىي رايونىدا كۆپ قېتىم سوقۇشۇپ، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قازا قىلىش ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، خۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى بۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي قىسىم رايونغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى.


بۇنىڭدىن، خۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى بىلەن ئەرەب يېرىم ئارىلى شۆبىسىنىڭ تامامەن ئوخشىمايدىغان ئىككى قوراللىق تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئالاقىنىڭ يوقلىغىنى كىرىۋېلىشقا بولىدۇ.


بۇ يىل 2-ئاينىڭ 6- كۈنى، خۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى زۇڭتۇڭ بىلەن پارلامېنتنىڭ ئورنىدا دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن، ئۆز ئالدىغا زۇڭتۇڭ كومىتېتى بىلەن مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتىنى قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ھەرىكەت يەمەننى ھۆكۈمەتسىز ھالەتكە ئىلىپ كىردى، پايتەخت سانانى كونترول قىلغاندىن كىيىن، بۇ تەشكىلات قوراللىق خادىملىرىنى جەنۇبىي قىسىم رايونغا ئورۇنلاشتۇردى، بىراق بازا تەشكىلاتى ئەرەب يېرىم ئارال شۆبىسى بىلەن سۈننى مەزھىپىدىن بولغان قەبىلىلەرنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى. خەلقئارا جەمئىيەت بازا تەشكىلاتى ئەرەب يېرىم ئارال شۆبىسىنىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىن ، ھەمدە غەرب ئەللىرىگە ھۇجۇم قوزغاش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشىدىن ئەندىشە قىلدى.


بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون يېقىندا، يەمەننىڭ قالايمىقانچىلىق ۋەزىيىتىگە قارتا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى، بارلىق ۋاسىتىلارنى قوللىنىپ يەمەننىڭ سىياسىي مۇساپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پارس قولتۇقىدىكى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتى 14- فېۋرال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يامانلىشىۋاتقان يەمەن ۋەزىيىتىگە قارتا كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، قۇرال كۈچى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى مەزمۇنلار بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىسىنىڭ 7- ماددىسىغا ئاساسەن يەمەن مەسىلىسى توغرىسىدا قارا لايىھەسىنى ماقۇللىشىنى تەلەپ قىلدى. سانا ئونىۋېرسىتېتى سىياسەت فاكۇلتېتىنىڭ پروفىسسورى فىئەيد سالىش مۇنداق دېدى: ئەگەر خۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېتەكچىلىك قىلغان سۆھبەتنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدىغان بولسا، پايتەخت سانادا قوراللىق توقۇنۇش پارتلاپ، ئەھۋال 2011- يىلدىكىدىنمۇ يامانلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



17-02-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئاۋسترالىيە ئاساسى گۈللەندۈرۈش ھەم قاتناش مىنىستىرى Darren Chester 26-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، ھىندى ئوكيان دېڭىز ساھىلىدىن يې...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى فىرانسىيە ۋە مىسىر بىرلىشىپ ئىككى شەخسى شىركەتنى مىسىر ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنى ئىزدەشكە...
27-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىئوردانىيەنىڭ ئوماندا ئىئوردانىيە خان جەمەتى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئىئوردانىيە مۇستەقىللىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. ئىئوردانىيە پادىشاھى، خانىش ۋە ئۈچ بالىسى تەبرىكلەش پائالىي...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 26- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندوېزىيە زۇڭتۇڭى 26- ماي جىددىي پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى...
27-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات تورى 26-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكىلىق بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسىغا بۇندىن تۆت يىل بۇرۇن بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 6.5 مىليون يۈەن) لاتارىيە مۇكاپاتى چىققان. بىراق ئارقىدىنلا ئۇنىڭ ئايالى ئې...
27-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، سىرىلانكا مۇقدىشو. ئۆتكەن نەچچە كۈندە مۇقدىشو ئۇدا ياغقان قارا يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتى نەچچە يۈز ئائىلىلىك كىشىنى يۇرت-ما...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىرېلاندىيەنىڭ دۇبلىن، 1916-يىلىدىكى پاسخا بايرىمى قوزغىلىڭىدا ۋاپات بولغان ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، كانادانىڭ ئېرلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋىككېرس (Kevin Vickers) تەر...
27-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئوكرائىنا 112- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنى ئوكرائىنا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، سابىق سوۋ...
27-05-2016
 خەلقئارا لىنىيە تورى 26-ماي خەۋىرى،نۇر تورى تەرجىمىسى:   ياپونىيە NHK ئاخبارات تورىنىڭ 26-ماي خەۋەر قىلىشىچە، 26-ماي چۈشتىن بۇرۇن G7 ئىسې شىما باشلىقلار يىغىنى ياپونىيەدە باشلانغان. ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ئىسې مۇ...
Powered by Leglek