ئىراقنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى خەلقئارا يىغىن پارىژدا ئېچىلدى

«ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي كۈچلىرىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن پۈتكۈل دۇنيادىكى دۆلەتلەر ھەرىكەتكە كېلىشكە باشلىدى، يېقىندا ئىراقنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى خەلقئارا يىغىن فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئېچىلدى، بىراق بۇ قېتىمقى يىغىنغا بۇ ھەرىكەتتە ھالقىلىق رول ئوينايدىغان بىر تەرەپ يەنى ئىران بىلەن سۇرىيە تەكلىپ قىلىنمىغاچقا ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن ھەمكارلىشىپ زەربە بېرىش پىلانىنى بەربات بولدى.


ئىراقنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى خەلقئارا يىغىن 15-سېنتەبىر فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئېچىلدى. كۆپلىگەن دۆلەتلەر خەلقئارا ئىتتىپاق تەشكىللەپ، ئەسەبىي تەشكىلات بولغان «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»گە بىرلىكتە زەربە بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. بىراق يەنە بىر جەھەتتىن، ئامېرىكا بىلەن ئىران بىر بىرى بىلەن بىرلىككە كېلەلمىگەنلىكى ھەم ئىراننىڭ قارشى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئەسەبىي تەشكىلاتقا زەربە بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىشىشى ئەمەلگە ئاشمىدى.
رۇسىيە ئاگېنتلىقى ئىگىلىگەن ئىراق مەسىلىسى توغرىسىدىكى خەلقئارا يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاخباراتىدىن قارىغاندا، كۆپلىگەن دۆلەتلەر، نۆۋەتتە ئىراق بىلەن سۈرىيەدە مالىمانچىلىق پەيدا قىلىۋاتقان «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تېررورچى تەشكىلاتى ئىراققىلا تەھدىت يەتكۈزۈپ قالماستىن يەنە پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتكە تەھدىت سالماقتا دەپ ھېسابلىغان. ئۇلار، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ پۇقرالارغا ۋە بولۇپمۇ نازۇك بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئالدىدا ئۆتكۈزگەن جىنايى ھەرىكىتى ۋە چوڭ كۆلەملىك زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ، بۇنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ بېكىتكەن.


پارىژ يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتى ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىراقنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىن دەرھال چېكىنىشى كېرەك. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار، بۇ ئىراقنىڭ ئېھتىياجى ۋە خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن ئىراق يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى قوللاش كېرەك ھەمدە بارلىق زۆرۈر بولغان شەرتلەرنى قوللىنىپ ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق شەرتلەرگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك دېگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، فرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى يىغىندا، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش مەسىلىسىدە، تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سۇرىيە تەۋەسىدىكى ئەسەبىي تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىش پىلانىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشىنى مۇراجەت قىلغان.


‏ئىراق زۇڭتۇڭى مەسۇممۇ غەرب ئەللىرىنىڭ ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى تېزدىن يولغا قويۇشىنى مۇراجەت قىلىپ، ئەگەر بۇ پىلان كېچىكتۈرۈلىدىغان بولسا، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ باشقا رايونلارنىمۇ ئىگىلىۋالىدىغانلىقى ۋە كۈچىنىڭ تېخىمۇ زورىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىراق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى خەلقئارا يىغىن ھوللاندىنىڭ جىددىي تەشەببۇس قىلىشى ئارقىسىدا ئېچىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن سەۋەب ئەسەبىي تەشكىلات بولغان «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ بۇ رايوندىكى ھەرىكىتىنىڭ خەۋپى كۈچەيگەن.


بۇ قېتىمقى پارىژ يىغىنىغا، ئىران بىلەن سۇرىيە يىغىنغا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن ۋەكىل ئەۋەتمىدى. بۇندىن ئىلگىرى، ئوبامانىڭ ھوقۇق بېرىشى ئارقىسىدا ئەسەبىي تەشكىلاتقا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنىڭ دائىرىسىنى سۇرىيەگە كېڭەيتكەنلىكتىن، كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىدى ۋە بۇ سۇرىيەنىڭ ئالدىن ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ قوللانغان ھەرىكەت دەپ قارالدى.
ئىراننىڭ ئالى رەھبىرى ھامىينىي 15-سېنتەبىر ھۆكۈمەت تور بېكىتى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىراق بىلەن سۇرىيەدە مالىمانچىلىق پەيدا قىلىۋاتقان ئەسەبىي تەشكىلات «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىشكە ياردەملىشىش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى رەت قىلدى.


ھامىينىي باياناتىدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى شەخسەن ئۆزى ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىراننىڭ ئەسەبىي تەشكىلات بولغان «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىشكە ياردەملىشىشنى ئۈمىد قىلدى.

بىراق، ھامىينى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋاسىتىسى پاكىز بولمىغانلىقى ئۈچۈن، زەرىف بۇ تەكلىپى رەت قىلدى. ھامىينى ئامېرىكىنىڭ ئەسەبىي تەشكىلاتقا زەربە بېرىشنى يالغاندىن باھانە قىلىپ، ئىران بىلەن سۇرىيە ھوقۇق بەرمىگەن ئەھۋالدا قالايمىقان بومباردىمان قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇندىن ئىلگىرى پاكىستاندىكى ھەرىكىتىنى تەكرارلىدى، دەپ ئەيىبلىدى.


ئامېرىكا بۇندىن ئىلگىرى، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشنى مۇراجەت قىلغان، بىراق ئۆتكەن ھەپتە كېررى ئىراننىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىش ئېھتىماللىقىنى ئىنكار قىلدى. 15-سېنتەبىر ئىراقنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى خەلقئارا يىغىن پارىژدا ئېچىلدى، ئىران بىلەن سۇرىيە يىغىنغا ۋەكىل ئەۋەتمىدى، ئىراق زۇڭتۇڭى مەسۇم بۇندىن ئىلگىرى، ئىراننىڭ ئەسەبىي تەشكىلات بولغان «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش خەلقئارا ئىتتىپاقىغا قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش مەسىلىسىدە، بارلىق ئىختىلاپلارنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك، ئىراقنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى خەلقئارا يىغىن فرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئېچىلدى، 20 دىن كۆپرەك دۆلەت ۋە رايوننىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى يىغىنغا قاتنىشىپ، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتى بىلەن باشقا تېررورچىلارغا بىرلىكتە زەربە بېرىش تەدبىرىنى بېكىتتى.
بۇندىن ئىلگىرى ئامېرىكىدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىدا، ئامېرىكا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش خەلقئارا ئىتتىپاقىنى قۇرۇشنى پىلانلىغان. ئەنگلىيە ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەندىن سىرت، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، دانىيە، پولشا، تۈركىيە، كانادا ھەمدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغان ئاۋسترالىيە «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىشقا قاتنىشىشقا قوشۇلغان.‏



خەتكۈچلەر:
19-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
14-05-2016
       ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان زۇڭلىسىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى ئاچىز مۇنداق دېگەن: ئۈچ ئايدىن بۇيان پاكىستان-ئامېرىكا ئوتتۇرسىدا كۆپ قېتىم ئاراز...
13-05-2016
         ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ رايونلۇق پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئايال سىياسىي ئەربابىنىڭ ئاممىۋى سورۇندا ياغلىق...
13-05-2016
         دېزۇلتى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، دۋاۋ شەھىرىدىكى يەرلىك سايلام نەتىجىسىمۇ 11- ماي رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ سايلامدا دېزۇلتىنىڭ قىزى ۋە ئوغلى ئايرىم-ئايرىم...
13-05-2016
        شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي ، ئۇكرائىنانىڭ كيېۋ، ئۇكرائىنا پارلامېنتى باش تەپتىشنى سايلاۋاتقاندا، ئۇكرائىنا رادىكاللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن پوروشېنكو ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزال...
13-05-2016
       11- ماي برازىلىيە ئالىي پالاتاسى ئالاھىدە قىزىپ كەتتى، جەمئىي 81 پالاتا ئەزاسى ئىچىدىكى 78 پالاتا ئەزاسى زۇڭتۇڭ روسىفنى ئەيىبلەش توغرىسىدىكى بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە قاتناشتى. نەتىجىدە 55 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 22 ...
13-05-2016
          شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، 21 سائەتكە سوزۇلغان بېلەت تاشلاشتىن بۇرۇنقى باياناتتىن كېيىن، برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەردە زۇڭتۇڭ رۇسسېفقا قارىتىلغان ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللىغان بو...
13-05-2016
     ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ قولغا ئېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى بلاتتېر فىرانسىيەگە بېرىپ نەق مەيداندا 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى كۆرۈشنى رەت قىلدى.   &...
12-05-2016
      فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قاتار تەرەققىيات پىلانلاش ۋە سىتاتىستىكا مىنىستىرلىكى 5- ئاينىڭ 11- كۈنى بۇ دۆلەتنىڭ سۇ ئىشلىتىش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلغان. 2006-...
12-05-2016
      برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.       فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
12-05-2016
      كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 5- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 27- ماي ياپونىيەنىڭ خىرۇسىم ئارىلىغا زىيارەتكە بارىدىكەن، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كورىيەدىكى كۆپلىگەن ئەل ئىچى تەشكىلاتلىرى ئ...
Powered by Leglek