پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى 30-نويابر ئېلان قىلغان 2014-يىللىق مەملىكەت بويىچە پەن ئومۇملاشتۇرۇش ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014 - يىلدا مەملىكەت بويىچە پەن ئومۇملاشتۇرۇش خادىملىرى سانى 2مىليون 12مىڭ 300 ئادەمگە يېتىپ 2013- يىلدىكىدىن 1.72 %كۆپەيگەن. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە پەن-تېخنىكا سارىيى409 غا كۆپەيگەن، پەن-تېخنىكا مۇزېيى 724غا كۆپەيگەن. يىل بويى جەمئىي 41مىليون 923مىڭ 100 ئادەم قېتىم پەن-تېخنىكا سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان بولۇپ 2013-يىلىدىن 12.27%كۆپەيگەن.
ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، پەن ئومۇملاشتۇرۇش خىراجىتى سېلىنمىسى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن،سېلىنما مەنبەسى يەنىلا ھۆكۈمەتنى ئاساس قىلغان. 2014-يىلى جەمئىيەتتىن پەن ئومۇملاشتۇرۇش خىراجىتى توپلىغان سومما 15مىليارد 3مىليون يۈەن بولۇپ ، 2013- يىلىدىكىدىن %13.49كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، پەن ئومۇملاشتۇرۇش مەخسۇس خىراجىتى 6مىليارد 401مىليون يۈەن بولۇپ مەملىكەت بويىچە كىشى بېشىغا 4.68يۈەندىن توغرا كەلگەن، 2013- يىلىدىكىدىن 1.27 يۈەن ئاشقان. پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە پەن ئوموملاشتۇرۇش ستاتىستىكا خىزمىتىنىڭ كونكرېت مەسئۇلى چيۇ چېڭلى مۇنداق دېدى: بۇ سۈرئەت بويىچە ماڭغاندا، 2015 - يىلىنىڭ ئاخىرغىچە مەملىكەت بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق پەن ئومۇملاشتۇرۇش مەخسۇس خىراجىتى 5 يۈەنگە يېتىپ« 12 - بەش يىللىق» يىرىك پىلان نىشانىغا يىتىش ۋە ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۈمىد بار.
ستاتىستىكىدىن قارىغاندا، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تارقىتىش ۋاسىتىسى كۈندىن كۈنگە كۆپ خىللاشماقتا. مەملىكىتىمىز بويىچە پەن ئومۇملاشتۇرۇش تور پونكىتىدىن جەمئىي 2652ى بار بولۇپ 2013-يىلدىكىدىن 222كۆپىيىپ 9.14% ئاشقان. رادىئو ئىستانسىسى ۋە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قويغان پەن ئومۇملاشتۇرۇش ( تېخنىك) پىروگراممىلىرى سانى بىر ئاز تۆۋەنلىگەن، يانفون، مېكرو بلوگ، ئۈندىدار، مىكرو كۆرۈنمە چاستوتا قاتارلىق يېڭىچە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ پەن ئومۇملاشتۇرۇش تارقىتىشى زور دەرىجىدە ئاشقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved