ئامېرىكىدا چىقىدىغان نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 26-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىران ئىراق ھۆكۈمىتىگە ھەربىي ياردەم بېرىۋاتىدۇ،بۇ ئۇچقۇچىسىز رازۋېدكا ئايروپىلانى ئەۋەتىش ۋە ھەربىي ئىشلار جابدۇقلىرى بىلەن تەمىنلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەۋەردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەمەلدارىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: ئىران ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ رازۋېدكا ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن، ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتىكى رەشىد ئايرودرومىدا ئالاھىدە تىزگىنلەش مەركىزىي قۇردى.
ئۇندىن باشقا، ئىران يەنە ترانسپورت ئايروپىلانىنى ئىشقا سېلىپ، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم ئىراق بىخەتەرلىك قىسمىغا ھەربىي ئىشلار جابدۇقلىرى ۋە تەمىنات بۇيۇملىرىنى توشىماقتا. ھەمدە باغداتقا ئاخباراتنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمىنىڭ ئون نەچچە ئوفىتسېرىنى ئىراق ئارمىيىسىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە ئەۋەتتى.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئىران يەنە ئىراق بىلەن چېگرىلىنىدىغان جايغا 10 دىۋىزىيە ئەسكىرىي كۈچىنى توپلاپ، باغدات خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغاندا ياكى ئىراقتىكى شىئە مەزھىپى مۇقەددەس جايى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا قۇتقۇزۇشقا تەييارلىنىپ تۇرماقتا.
ئىران بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلدى. ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مۇنداق دېدى: ئىران ھەربىيلىرى ھازىر ئىراقتىكى ئۇرۇش مەيدانىدا كۆرۈلمەكتە دېگەن خەۋەر يالغان،ئىران ئىراققا ھېچقانداق ھەربىي خادىم ئەۋەتمىدى.
6-ئاينىڭ بېشىدىن بۇيان، ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ئىراق بىخەتەرلىك قىسمى بىلەن شىددەتلىك توقۇنۇشىپ، ئىراقنىڭ شىمالى ۋە غەربىدە بەش ئۆلكىدىكى شەھەر بازارنى ئىگىلەپ، 1100 گە يېقىن كىشىنىڭ جىنىغا زامىن بولدى؛ نەچچە يۈز مىڭ كىشى پاناھلىنىش ئۈچۈن يۇرتىدىن ئايرىلدى.
ئىراق ئارمىيىسى قايتۇرما زەربە بېرىپ يېقىنقى كۈنلەردە قىسمەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھۆكۈمەت ئارمىيىسى 25-ئىيۇن مۇھىم ھاۋا ئارمىيە بازىسى بارات ۋە غەربى قىسىمدىكى ئاساسلىق شەھەر ھەدىسەدىكى قۇراللىق ئۇنسۇرلارغا قايتۇرما زەربە بەردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھۆكۈمەت ئارمىيىسىمۇ بەيىكى دېگەن جايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئايرىش مەركىزىنى ئىگىلىدى.
ئۇندىن باشقا، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى قۇراللىق ئۇنسۇرلىرى ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ تەھدىت سېلىپ، تەشۋىقات ئۇرۇشى قوزغاپ، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى ئارقىلىق، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنى قوللايدىغان خاتىرىلەش بۇيۇملىرى ۋە بۇيۇملىرىنى سېتىپ، كۆپلىگەن قوللىغۇچىلارنى جەلپ قىلدى. قىسمەن مايكىلارغا ئەبەدىي غازاتچى بولىمىز، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز، ئاداققىچە ئىتتىپاقلىشىمىز قاتارلىق شوئارلار بېسىلغان ئىدى.
ھىندونېزىيىدىكى بىر توقۇنۇش سىياسەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ بىر دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: سۇرىيە كىرزىسى ھىندونېزىيىدىكى ئەسەبىي ئۇنسۇرلارغا ئىلھام بولدى.بۇنىڭدىكى قىسمەن سەۋەب ئۇلار ئىسلام دېنىدىكى ئاخىرقى كۈرەش چوڭ سۇرىيە رايونىدا يۈز بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
ئىسلام قۇراللىق ئۇنسۇرلىرى تور بېكىتى تۈزگۈچىسى فاجىرى مۇنداق دېدى: ھەممىمىزگە ئايانكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى كۈنسايىن زورىيىۋاتىدۇ. كۈچى ۋە تەسىرى مۇسۇل، تىكرىت، لامادى قاتارلىق ئىراق شەھەرلىرىگە كېڭەيدى. تىز سۈرئەتتە باغداتنىمۇ ئالىدۇ.
ھىندونېزىيىدىكى ئىسلام دىنى تىلاۋەت ئۆمىكى رەھبىرى ئەبۇتەكا بىلەن تەسىر كۈچى بار ئالىم ئامان يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان، قوللىغۇچىلىرىنى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنى قوللاشقا دەۋەت قىلدى. ھىندونېزىيىدىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنى قوللايدىغان نەچچە تەشكىلات يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ كۆپلىگەن كىشىلەرنى جەلپ قىلدى. ھىندونېزىيە قانۇنىدا چەتئەللەردىكى قۇراللىق تەشكىلاتلارنى قوللاش ياكى ئەسكەر قوبۇل قىلىش مەنئى قىلىنمايدۇ.
ھىندونېزىيىدىكى بىر بىخەتەرلىك ئەمەلدارى ئەنسىرەپ سۇرىيە بىلەن ئىراقتىكى توقۇنۇش ھىندونېزىيىدىكى ئەسەبىي ھەرىكەتلەرگە يېڭىدىن ھاياتى كۈچ قوشتى دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز بۇنىڭغا ئىنتايىن دىققەت قىلىمىز. كۆپچىلىك بۇ كىشىلەر ھىندونېزىيىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ دەپ قارايدۇ.
![]() |
4-ماي سابىق زۇڭتۇڭ مۇبارەكنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇ نەزەربەند قىلىنغان قاھىرەدىكى مائادى ھەربىي دوختۇرخانىسى سىرتىغا يىغىلىپ، ئۇنىڭ 88 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ماي، بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو شەھىرىدە تاكسى شوپۇرلىرى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، UBER قاتارلىق تاكسى توسۇش دېتاللىرىغا قارشى تۇردى.
|
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھومۇس ئۆلكىسىدە ئىككى قېتىم پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 10 پۇقرا قازا قىلغان، 40 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
دەسلەپكى قە...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved