بالىلارنى چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقارغاندا ئېھتىياتچان بولۇڭ

بالىلارنى چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقارغاندا ئېھتىياتچان بولۇڭ

ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ كۈندىن – كۈنگە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بالىلارنى چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىرىدىغانلار كۆپەيمەكتە. نۇرغۇن كىشى بالىلار چەت ئەلگە بالدۇر چىقسا چەت ئەل تىلىنى ياخشى ئۆگىنەلەيدۇ، چەت ئەلدە ياشاش ۋە رىقابەتكە قاتنىشىش پۇرسىتىمۇ كۆپ بولىدۇ، بالىلار مۇستەقىل ئۆسۈپ يېتىلىدۇ ، دەپ قارايدۇ.
يېقىندا بىر ماتېرىيالدا بالىلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشىدا بىرىنچىدىن، بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى، پىسخىكىسى ۋە بەدەن قۇرۇلۇشى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن بولۇپ، مۇستەقىللىق ئىدىيەسى، ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى بىر قەدەر ناچار، سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدۇ، چەت ئەلدىكى ئەركىن، ئازادە ئوقۇتۇش مۇھىتىدا ناچار ئادەتلەرنى يۇقتۇرۇۋالىدۇ. ئىككىنچىدىن، شەرق بىلەن غەربنىڭ ئوقۇتۇش سىستېمىسىدا پەرق زور، قىممەت قارىشى، دۇنيا قارىشى ئوخشىمايدۇ. ئۈچىنچىدىن، بالىلار بەك بالدۇر چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەندە ئېلىمىز بىلەن چەت ئەلنىڭ ھەر جەھەتتىكى پەرقى بالىلارنىڭ مەدەنىيەت قارىشىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، شەرق – غەرب مەدەنىيەتى ۋە مائارىپ تۈزۈلمىسى، دەرسلىك ۋە ئوقۇتۇش تۈزۈمىنىڭ ئوخشىماسلىقى نەزەردە تۇتۇلۇپ، بالىلار توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئاندىن چەت ئەلگە چىقارسا مۇۋاپىق دەپ قارالغان.
ھازىر، كۆپ ساندىكى ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى بالدۇرلا چەت ئەلگە چىقىرىۋېتىشىدىكى سەۋەب، چەت ئەل مائارىپىنىڭ ئەۋزەللىكى كۆزدە تۇتۇلغان، شۇنداقلا، بالىلاردا مۇستەقىل تىرىشىش روھىنى يېتىلدۈرۈش مەقسەت قىلىنغان. لېكىن ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى ئوقۇتۇش تۈزۈمى، تەربىيەلەش سىستېمىسى ۋە بالىلارنىڭ جىسمانىي، روھى، بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسلانغاندا، بالىلار چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىققاندا نۇرغۇن مەسىلىلەرگە يولۇقىدۇ. بىر دوستۇمنىڭ بالىسى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئاۋسترالىيەگە ئوقۇشقا باردى، لېكىن ئۇنىڭدا تىل ۋە پىسخىكا جەھەتتىكى تەييارلىقلار كەمچىل بولغانلىقتىن، ئۇزاققا قالماي يەرلىكتىكى ناچار بالىلار بىلەن دوست بولۇپ قاپتۇ. ئەلۋەتتە، چەت ئەل مائارىپىنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان نۇرغۇن تەرەپلىرى بار، مەسىلەن، ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپ 1 – يىللىقىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى پۇلنىڭ قىممىتىنى پەرق ئېتىشنى ئۆگىنىدۇ، لېكىن ئېلىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بۇ مەزمۇن ئۆگىتىلمەيدۇ. يەنە مەسىلەن، ئامېرىكىدا بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپلا پەلەمپەيدىن بىخەتەر چىقىپ – چۈشۈش ئۆگىتىلىدۇ، لېكىن ئېلىمىزدە بولسا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگىچىمۇ بۇنداق مەزمۇن ئۆگىتىلمەيدۇ. بىزنىڭ مائارىپ خىزمەتچىلىرىمىز بەلكىم بالىلارغا پۇلنىڭ قىممىتىنى تونۇتۇش ۋە پەلەمپەيدىن چىقىپ – چۈشۈشنى ئۆگىتىش مائارىپ ئەمەس دەپ قارىسا كېرەك. بىز دائىم چەت ئەللىك بالىلارنىڭ سومكىسىنى ئېسىپ دۇنيانى ساياھەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز، لېكىن ئېلىمىزدىكى بالىلاردا بۇنداق ئادەت ئاساسەن يوق. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلىرىنى چەت ئەلگە چىقىرىشتىن بۇرۇن چەت ئەلنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى، ئوقۇتۇش تۈزۈمى ۋە ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى پۇختا ئىگىلىشى، بالىلارمۇ پىسخىكا جەھەتتىن پىشىپ يېتىلگەن، مۇستەقىل روھقا ۋە ئۆز ھۆددىسىدىن چىقىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك.
يىغىنچاقلىغاندا، بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭا دۆلەت ئىچىدە ئوقۇش ياكى چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى تاللاشتا ئاتا – ئانىلار ئېھتىياتچان بولۇشى، قارىغۇلارچە ئىش كۆرمەسلىكى كېرەك. 



ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
    يېقىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسى» ئېلان قىلىندى، «بەلگىلىمە»دە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتە...
26-04-2016
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن-تېخنىكا ئىنىستىتۇتى قىبلىتاغ يېڭى مەكتەپ رايونىغا ئۇل سېلىش مۇراسىمى 15-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلدى، بۇ مەكتەپ رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1560 موغا، قۇرۇلۇش كۆلىمى 445 مو ك...
25-04-2016
   2014-يىلى 9-ئايدا، گوۋۇيۈەن" ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر"نى تارقىتىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال سىنىقىنى باشلاشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ھازىرغىچە، شاڭخەي، ...
25-04-2016
     ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12-باشلانغۇچ مەكتەپ (ئۈرۈمچى چەت ئىل تىلى مەكتىپى) خەلقئارا بۆلۈمى 18-ئاپرېل داغدۇغىلىق ھالدا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مۇراسىمدا مەكتەپنىڭ پارتىيە ياچېيكىسى باش شۇجىسى ۋاڭ خۇۋجيەن، خەل...
24-04-2016
    2016-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، 2016-يىللىق شەندۇڭ ئۆلكىلىك مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى يېزىقچە ئىمتىھانى پۈتۈن ئۆلكە بويىچە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىندى.     2016-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، خۇبېي ئۆلكىسى ...
26-01-2016
        مۇخبىرنىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىگەللىشىچە، ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ چەتئەلگە يۈزلىنىشىگە پەن تېخنىكا جەھەتتىن مەدەت بېرىش مەقسىتىدىكى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئاكادمىيەسىنىڭ چەتئەلدىكى يېزا ئىگ...
21-01-2016
       مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قىسمەن ئالاھىدە تۈردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» تا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:...
20-01-2016
     مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭدىكى 19 ئالىي كەسپىي مەكتەپ ۋە ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە جەمئىي 66 كەسىپ كۆپەيتىلىدىغان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەسىپ ئەڭ ك...
18-01-2016
     تۇرسۇن ھۇشۇر ئائىلە قىرائەتخانىسدا كىتابلارنى رەتلىمەكتە    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان مولنىياز خەۋىرى، فوتوسى: باي ناھىيە ياتۇر يېزا مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ سابىق باشلىقى تۇرسۇن ھوشۇر 2009-ي...
18-01-2016
    2016-يىلى 13-يانۋار سائەت 15:00 ئەتراپىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋېيياڭ شۆبىسى دامىڭگۇڭ ساقچىخانىسى چارلاش ساقچىلىرى تەۋەلىكىنى چارلاش جەريانىدا بىر قارا رەڭلىك دالا ئاپتوموبىلىنىڭ سىگنال سىمىنى چىقىرىپ قويغانلىقىنى، ماشىنىدى...
Powered by Leglek