ئامېرىكا ‹‹ ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 4-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئىران بىلەن ئىراق يېقىندا چۈشىنىش ئەسلەتمىسى (مېموراندۇمى ) ئىمزالىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىككى دۆلەت چېگرا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىماقچى بولغان.
خەۋەر قىلىنىشچە، ئىران -ئىراق چېگرا مۇداپىئە ھەربىي قوماندانلىق باش ئىشتابى ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى باسلار شەھىرىدە 4- قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئىككى دۆلەت چېگرا مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە، ئىككى تەرەپ چېگرا ھەمكارلىق چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىغان.
سۆھبەتتە، ئىككى تەرەپ قانۇنسىز چېگرىدىن ئۆتۈش مەسىلىسى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرغان. ئىران تەرەپ مۇنداق دېگەن: ئىككى تەرەپكە ئورتاق بولغان چېگرا لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1600 مېتىر كېلىدۇ، شۇڭا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، چېگرا رايوندىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved