خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىندىكى قۇراللىق تەشكىلاتلار 26- ئىيۇل ۋاقىتلىق 12 سائەت ئۇرۇش توختىتىشقا ئاخىرى قوشۇلدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكىمون، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررى، مىسىر قاتارلىق ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى پەلەستىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈستىدە ياراشتۇرۇش ئېلىپ باردى.
26- ئىيۇل ئەتىگەندە پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماس بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: خاماسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلەستىندىكى ھەر قايسى گۇرۇھلار غەززەدە ئىنسانپەرۋەرلىك يۈزىسىدىن 12 سائەت ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىگە قوشۇلدى ، ئۇرۇش توختىتىش شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 26- ئىيۇل ئەتىگەن سائەت سەككىزدىن كەچ سائەت سەككىزگىچە داۋاملاشتى. شۇ ۋاقىتتا يەنە ئىسرائىلىيە ھەربىي تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوخشاش ۋاقىتتا غەززەگە ھەربىي زەربە بېرىشنى توختىتىشقا قوشۇلىمىز. بىراق ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى پەلەستىن قۇراللىق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەگە ئوغرىلىقچە ھۇجۇم قىلىش مەخپىي يوللىرىنى ئىزدەشنى توختاتمايدۇ. ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر پەلەستىن قۇراللىق كۈچلىرى ئۇرۇش توختىتىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قىلسا ،ئىسرائىلىيە ئىنكاس قايتۇرىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved