يەر شارى ۋاقىت گېزىتى قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى خەۋىرى | لەگلەك تورى تەرجىمىسى: " نەزەربايوف(قازاقىستان زۇڭتۇڭى) تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئىشنى قىلدى – ئەزەلدىن دۆلەت مەۋجۇت بولۇپ باقمىغان بۇ زىمىندا يېڭى بىر دۆلەت قۇردى" – روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ 8 – ئاينىڭ 29 – كۈنىدىكى بۇ سۆزى باشقىلار تەرىپىدىن قازاقىستان مۇستەقىللىقىغان بولغان "گۇمان" دەپ قارالدى ۋە قازاقىستان تەرەپ بۇنىڭغا جىددىي "ئىپادە" بىلدۈردى.
قازاقىستان تاراتقۇلىرىنىڭ 31 – چىسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايوف تۈنۈگۈن "خەۋەر" تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن:"قازاقىستان ھەرگىزمۇ دۆلىتىمىز مۇستەقىللىقىغا تەھدىت سالىدىغان تەشكىلاتلارغا قاتناشمايدۇ". ئۇ يەنە تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: "ئەگەر ياۋرۇ – ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى دىكى بەلگىلىمىلەر تولۇق ئىجرا قىلىنمىسا، ئۇنداقتا قازاقىستاننىڭ بۇ ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىقىش ھوقۇقى پۈتۈنلەي بار.
بۇ مەسىلىنى مەن ئىلگىرىمۇ تىلغا ئالغان، بۇ قېتىم يەنە بىر ئەسكەرتىپ قويماقچىمەن". "ياۋرۇ – ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى" روسىيە، بېلورۇسىيە ۋە قازاقىستان ئارىسىدا ئىمزالانغان.
روسىيە خەۋەر تورى 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ماقالە ئىلان قىلىپ، نەزەربايوفنىڭ بۇ ئىپادىسىنى پۇتىننىڭ قازاقىستان مۇستەقىللىقى ھەققدىكى سۆزلىرىگە قايتۇرغان ئىنكاسى دەپ قارىدى. پۇتىن ئالدىنقى كۈنى " شىلگېر" ياشلار مۇھاكىمە مۇنبىرىگە قاتناشقاندا، نەزەر بايوفنى "تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىش قىلدى – ئەزەلدىن دۆلەت مەۋجۇت بولۇپ باقمىغان زىمىندا يېڭى بىر دۆلەت قۇردى. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا ئۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رايۇنىغا نىسبەتەن دۆلەت بويىچە تېپىلمايدىغان بىر شەخىس ھېسابلىنىدۇ" دېگەن.
19 – ئەسىردە پۈتكۈل قازاقىستان تەۋەسى روسىيە تەرىپىدىن بېسىۋىلىنغان. 1936 – يىلى قازاق سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيتى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كىرگەن. 1991 – يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىش ئالدىدا قازاقىستان مۇستەقىللىق جاكارلىغان، ۋە نەزەربايوف شۇندىڭدىن باشلاپ بىردىنبىر زوڭتۇڭ بولۇپ كەلگەن.
"موسكىۋا ساداسى" رادىئو قانىلىدا 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنى خەۋەر قىلىنىشىچە، قازاقىستان پۇقرالىرى "پۇتىننىڭ قازاقىستانغا بولغان كۆز - قارىشى ئوكرائىناغا بولغان قارىشى بىلەن ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ" دەپ قارىغان. ئۇلار يەنە قازاقىستاننىڭ 1500 يىلدىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشىپ، "يولداش پۇتىنغا قازاقىستان تارىخى قامۇسىدىن بىرنى سوۋغا قىلىش" كېرەك دېگەن.
بۇ يىل 5 – ئاينىڭ 29 – كۈنى، روسىيە،بېلۇروسىيە، قازاقىستان ئۈچ تەرەپ "ياۋرۇ – ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى" نى ئىمزالىغان. بۇ كېلىشىم 2015 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويىلىدۇ. قازاقىستان تەرەپ ياۋرۇ – ئاسىيانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە ئىزچىل ئىھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن. نەزەربايوف ھارقايسى سورۇنلاردا "بىر گەۋدىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم ئەزا دۆلەتلەر ئارا ئادىللىق، كېڭەيىشلىك ئاساستا ئىش كۆرۈش زۆرۈر .ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش تۈپكى ئاساس بولۇشى كېرەك" دېگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved