ئالجىرىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مىللىي ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ چىقىش ئۈچۈن،كېلەر يىلى پەلەستىندە زۇڭتۇڭ سايلىمى ۋە قانۇن تۇرغۇزۇش سايلىمى بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئابباس شۇ كۈنى ئالجىرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: مىللىي ئىتتىپاقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پەلەستىن خەلقىنىڭ ئاخىرقى نىشانى، بىز مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ نىشاندىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە زۇڭتۇڭ سايلىمى ۋە قانۇن تۇرغۇزۇش سايلىمىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈش بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، بۇ بىزنى تارىخىي قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ. پەلەستىننىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇشنى ئىلتىماس قىلىش مۇساپىسى توختاپ قالمايدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved