شىياۋمى يانفونى 1 نى يىغىۋېلىش باھاسىغا يەنە 100 يۈەن قوشۇلدى

   شىياۋمى شىركىتى تۈنۈگۈن «كونا يانفوننى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» پائالىيىتىنى يولغا قويغان. ئەمما قىسمەن كونا نۇسخىدىكى شىياۋمى يانفونىنىڭ يىغىۋېلىش باھاسى بەك تۆۋەن بولغانلىقتىن، نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، مەسىلەن، شىياۋمى يانفونى 1 نىڭ يىغىۋېلىش باھاسى ئاران 10 يۈەن بولۇپ، ئاز بولمىغان تورداشلار شىياۋمىنى مەسخىرە قىلىپ، « 10 يۈەن پوچتا ھەققىگىمۇ يەتمەيدۇ» دېيىشكەن. (دېمىسىمۇ شۇنداق!)


   بۇنىڭغا قارىتا، شىياۋمى شىركىتىنىڭ لېدىرى لىن بىن بۈگۈن ئەسلىدىكى كونا يانفوننى يىغىۋېلىش پىلانى ئاساسىدا، يەنە يېڭى بىر تۈرلۈك ئابونتلارغا جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. لىن بىن مىكرو بىلوگىدا مۇنداق دەپ يازغان: « 12-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، شىياۋمى 1 تۈرىدىكى يانفونلارنى ئىشلەتكۈچىلەر شىياۋمى يولغا قويغان كونا يانفوننى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئىشلەتسە، ئەسلىدىكى يىغىۋېلىش باھاسى ئاساسىدا يەنە 100 يۈەنلىك يانفون سېتىۋېلىش نەق پۇل ئىتىبار كارتىسىغا ئېرىشەلەيدۇ. شىياۋمى 1، 1S ۋە شىياۋمى 1 ياشلار نۇسخىسى قاتارلىق يانفون ئابونتلىرى پائالىيەتكە قاتناشسا بولىدۇ.»

دېمەك، بۇنداق بولغاندا شىياۋمى 1 نىڭ باھاسى 110 يۈەنگە ئۆسىدۇ دېگەپ گەپ، دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى، بۇ يەردە دېيىلغان 100 يۈەن پەقەت يانفون سېتىۋالغاندا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئىتىبار كارتىسى، نەق پۇلغا ئايلاندۇرغىلى بولمايدىكەن. قىسقىسى، تۆت يىل بۇرۇن بازارغا سېلىنغان كونا يانفوننى بازارغا ئاپىرىپ ساتماقمۇ تەس، شۇڭا، 110 يۈەنلىك يىغىۋېلىش باھاسىنى ھەقىقەتەن يامان ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ.

ھالبۇكى، بىر قىسىم تورداشلار يەنە شىياۋمى يانفونى 1 نى خاتىرە ئەھمىيىتىگە ئىگە مەھسۇلات دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ يانفوننى سېتىۋەتكەندىن كۆرە، ساقلاپ قويغان ياخشى ئىكەن.



خەتكۈچلەر:
24-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى تاقىما ئۈسكۈنىسى-Gear Fit 2 بۈگۈندىن باشلاپ پارچە سېتىش دۇكانلىرىغا رەسمىي كىرگۈزۈلىدىكەن.  ...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ 2- نۆۋەتلىك يەر شارى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 9- ئىيۇن سان فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى،...
28-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
28-05-2016
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
28-05-2016
    تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ  ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
28-05-2016
    تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
28-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
28-05-2016
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
28-05-2016
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
Powered by Leglek