پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتى ( BBC ) ئورگان تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ ھۇجۇمچىسى پورتۇگالىيىلىك توپچى كىرىستىيانو رونالدو ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتى تەرىپىدىن 2014-يىللىق ئەڭ ياخشى چەتئەللىك تەنھەرىكەتچى بولۇپ باھالانغان.
بۇ يىل 12-ئاينىڭ 7-كۈنى خان مادرىد كۇلۇبى 3-0 نەتىجە بىلەن سېلتا كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدە كىرىستىيانو رونالدو قالپاق كەيدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە كىرگۈزگەن توپ سانى 200 گە يەتتى. بىراق ئۇ پەقەتلا 178 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ بۇ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى تارىخىدا 200 توپ كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئەڭ ئاز ۋاقىت سەرپ قىلغان توپچى.
س لو مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشمىدى. خان مادرىد كۇلۇبى توپچىسى بېل خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ شەرەپ ئۆيىدە رونالدو غا بۇ مۇكاپارنى بەردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved