ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 2-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق سەنئەتكار مىيوجاشىن ئۆيىنىڭ بىر ھۇجرىسىنى كېچىلىكى بىر دوللاردىن ئىجارىگە بەرگەن.ھۇجرا ئىجارىسىنىڭ ئەرزانلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرۇپلا قالماستىن، يەنە بىر تۈركۈم بەلگىلىمىلەرمۇ كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان. مەسلەن، ئىجارىگە ئالغۇچى چوقۇم 24 سائەت نازارەت قىلىش ئاپپاراتىنىڭ نازارەتچىلىكىدە، بىر ‹‹ قەپەس ›› نىڭ ئىچىدە تۇرۇشقا ماقۇل بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭدىن سىرت ، يەنە ئەتىگەن سائەت 12~9 گىچە ئىجارە ئالغۇچىنىڭ تورغا چىقىشى، ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلارنى ئىشلىتىشى، كىتاب كۆرۈشى، رادىئو ئاڭلىشى ، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىشى ، ھەرىكەت قىلىشى، ھەتتە ئۇخلىشىمۇ مەنئى قىلىنىدىكەن .
كىشىنى بىئارام قىلىدىغان بۇ بەلگىلىمىلەرنى ھىسابقا ئالمىغاندا ، بىر دوللارغا پاكىز تازلىق ئۆيى ۋە مۇنچىسى بار بۇ ‹‹ قەپەس ھۇجرا ›› يەنىلا كىشىلەرنى جەلىپ قىلغان .
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved